ئوسمان تۇرسۇن: «خىتاي ساقچىلىرى مېنى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىچىك ئوغلۇمنى دۇبەيگە ئەۋەتكەن»

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىچىك ئوغلى مەمەتتۇرسۇننى بۇ يىل 1‏-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇبەيگە يولغا سالغان.

مەمەتتۇرسۇن دۇبەيگە چىقىۋالغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول تۇتقان. ئوسمان تۇرسۇن ئوغلى مەمەتتۇرسۇننى ئۇ دۇبەيگە كېلىپ 3‏-كۈنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سالغان. دۇبەيگە چىقىشتىن ئاۋۋال خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 6 ئاي قاتتىق-يۇمشاق تەلىم-تەربىيەسىدىن ئۆتكەن مەمەتتۇرسۇن دۇبەيدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك تەدبىر قوللانغان ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلغان.

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئوسمان تۇرسۇن خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا يېتىۋاتقان ئۆزىنىڭ 3 ئوغلى، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئائىلە تاۋاباتىدىن 24 كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشاۋاتقان كۈنلىرىدە كىچىك ئوغلى مەمەتتۇرسۇندىن تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. تاپشۇرىۋالغاندىمۇ خوتەندىن ئەمەس، بەلكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەيدىن تاپشۇرۇۋالغان. كىچىك ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئۇنىڭغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى لاگېردىن چىقىرىپ گېرمانىيەدىكى دادىسى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە ۋە دادىسىغا خىزمەت ئىشلەپ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

ئوسمان تۇرسۇن ئوغلىغا دۇبەيدىن دەرھال ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى ئېيتقان. ئەمما مەمەتتۇرسۇن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پېشىنى قويۇۋەتمىگەن. دۇبەيدە دادىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان خىتاي ساقچىلىرى ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسىغان.

ئوسمان تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ئوغلى مەمەتتۇرسۇن 3 قېتىم تېلېفون ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاخىرقى قېتىمدا، يەنى 1‏-ماي كۈۈىدىن ئېتىبارەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىز قوغلىشىدىن قۇتۇلغان.