يېڭىسار توپلۇقتىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا 100 گە يېقىن كەنت كادىرى جازالانغان

0:00 / 0:00

يېڭىساردىكى بۇ يىللىق قاتتىق زەربىدە كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىمۇ نىشاندىن چەتتە قالالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئېغىر كېسىم داۋام قىلىۋاتقان يېڭىسار ناھىيەسىدە كەنت ۋە مەھەللە كادىرلىرىمۇ قاتتىق زەربە نىشانىنىڭ سىرتىدا قالالمىغان. بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توپلۇق يېزىسىدىن تۇتۇلغان 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ 100 گە يېقىنى كەنت ۋە مەھەللە كادىرى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆتەڭ كەنتىدىن تۇتۇلغان 10 نەپەر كادىر يېقىندا 10 يىللىقتىن كېسىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىلىدىن باشلاپ شىددەتلەنگەن ۋە كېڭەيگەن قاتتىق زەربە دولقۇنى دەسلەپكى ئىككى يىلدا نۇقتىلىق ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنى نىشانلىغان بولسا، بۇ يىلغا كەلگەندە نىشان دائىرىسى يەنە بىر دەرىجە كېڭەيگەن. «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدىكى بۇ كېڭىيىش، يېڭىسارنىڭ توپلۇق يېزا ئۆتەڭ كەنتىدە يۈزگە يېقىن كەنت ۋە مەھەللە كادىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان.

خىتاي 2014-يىلى تارقاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىدا، كەنت كادىرلىرىغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا سالام بەرمەسلىك، ئۇلارنى چەتكە قېقىشمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ سانىغان. يەنى بۇ قوللانمىدا كەنت كادىرلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرى خىتايغا سادىق كىشىلەر قاتارىغا تىزىلغان ۋە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدالغان ئىدى. ئەمما بۇ يىلغا كەلگەندە، كەنت كادىرلىرى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى دىققەتسىزلىكلىرىمۇ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان. ئۆتەڭ كەنتىدە 10 نەچچە كادىر پەقەت تېلېفوندىن مەسىلە چىققانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلغان ۋە كېسىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تېلېفونى توختاپ قېلىش نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان، ئۇلارغا بىر پىشكەلچىلىك ۋە پالاكەتچىلىكتىن ئىشارەت بېرىۋاتقان بىر ھادىسە. خىتاي ھاكىمىيىتىگە قەسەم ئىچىپ ساداقەت بىلدۈرگەن كومپارتىيە ئەزالىرىمۇ بۇ ئەندىشىدىن خالىي ئەمەس. ئاشكارىلىنىشىچە، پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى كومپارتىيە ئەزاسى ياسىن تۇرسۇن، تېلېفونى توختىتىلغاندىن كېيىن تۇتۇلغان ۋە 7 يىللىق كېسىلگەن.

يوپۇرغۇلۇق بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تېلېفونغا تامدىن ئاتلاش دېتاللىرىنىڭ قاچىلىنىشى ياكى چەكلەنگەن مەزمۇندىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈلۈشى تېلېفوننىڭ شۇ زامان توختىتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. تېلېفون توختىغاندىن كېيىن تېلېفون ئىگىسى ساقچىخانىغا چاقىرتىلىدۇ؛ بەزى ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، جازالىنىش-جازالانماسلىق، ئاتالمىش خاتالىقنىڭ قەستەن ياكى دىققەتسىزلىكتىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ ئۇ پەقەت ساقچى خادىمى ياكى سوتچىنىڭ كەيپى ۋە پەيلىگە مۇناسىۋەتلىك.

يېڭىسار توپلۇقنىڭ ئۆتەڭ كەنتىدىكى تېلېفونى توختىغاندىن كېيىن، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قىزىقىش ۋە ھەۋەس قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن جازالانغان 10 نەپەر كادىر ئىچىدە كەنت سېكرېتارى، ئامانلىق مۇدىرى، بوغالتىرى ۋە مەھەللە باشلىقلىرىدىن باشقا يەنە ئاياللار مۇدىرىمۇ بار. ئاياللار مۇدىرى ئاينىسا سوپى تېلېفونىنى ئاتالمىش «قانۇنسىز قوللانغانلىقى» ئۈچۈن نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنىڭ پەقەتلا تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، نىشاننىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.