خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئاممىنى مەجبۇرىي بايراق چىقىرىشقا تەشكىللەش، ئائىلىسىدە نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈن ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ دائىرىلەردىن رۇخسەت ئېلىشقا ئوخشاش بىر قاتار مۇقىملىق چارە-تەدبىرلىرىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. ئاشكارىلانغان ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار، بارغانسېرى ئەسەبىي، رادىكال تۈسنى ئالغان بۇ خىل باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھازىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىغىمۇ ئوخشاش شەكىللەردە كېڭەيتىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى، غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تارقاتقان ھەر دۈشەنبە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋە ئائىلىدە دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشتە ئالاقىدار دائىرىلەردىن ئالدىن ئىجازەت ئېلىش ئۇقتۇرۇشى.
بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئىلى تەۋەسىدە بىر ئاي ئاۋۋاللا رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بىز ئىلگىرى خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا دىنىي ۋە سىياسىي باشقۇرۇش جەھەتتە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى بارغانچە كۈچەيتىپ بېرىۋاتقان ئىدى.
ئاساسىي قاتلامدا بۇ خىلدىكى رادىكال تەدبىرلەر، دېھقانلارنى يىغىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇش، يوقلىما قىلىش، ئىنقىلابى ناخشا، خورلارنى ئېيتىش، قىزىل بايراققا قەسەم بېرىش، كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناشقا ئوخشاش دېھقانلارنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.
يېقىندا يەنە، ئاپتونوم رايون 17-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچتى ۋە يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان باش سېكرېتارى چېن چۈەنگو يوليورۇق بېرىپ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە نىشان، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزلىك ھەم بىردەك بولۇشقا، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇشقا، قۇلايلىق ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا، سىياسىي بۇيرۇق راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەر مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە مالىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يۇقىرى دەرىجىلىك تۆۋەن دەرىجىلىكنى چىڭ تۇتىدىغان، قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان سىستېما بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش، ئۇنىۋېرسال سىياسەت يۈرگۈزۈش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
دەرۋەقە دائىرىلەرنىڭ ماس قەدەمدە بۇ خىل ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدىگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ «مەركەزلىك ھەم بىردەك» بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يەنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگە بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق كەنت، مەھەللە كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئاممىغا مەخسۇس ئىككى تۈرلۈك ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ بىرى «ئاھالىلەرنىڭ دۈشەنبىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» يەنە بىرى بولسا «ئاھالىلەرنىڭ ئىسىم قويۇش، خەتنە،خەتمە قۇرئان، نىكاھ مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى باشقۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش.»
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، دادامتۇ يېزىسىدىكى ئامما (سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ياكى باشقا يۇرتلارغا ئىشلەشكە كەتكەنلەردىن باشقا ھەممە كىشىلەر) نىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى 10 دا ھەر قايسى مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ بايراق چىقىرىش بەلگىلەنگەن نۇقتىغا يىغىلىپ سەپ بولۇپ تىزىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، مۇراسىمغا پاكىز، رەتلىك كىيىنىپ، باش كىيىمى، ياغلىقلارنى ئارتماي كېلىشى شەرت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئائىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي-تۆكۈن نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر ئۇقتۇرۇشىدا بولسا، ھەر خىل دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە كومىتېت، ئون بېشى، كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ، مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ۋە دائىرە، چاقىرىلىدىغان كىشىلەر، ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قەدەر خەۋەرلەندۈرۈپ رۇخسەت ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
دادامتۇ يېزىسىغا دائىر تارقىتىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دادامتۇ 25 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، 67%tin كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. قالغانلىرىنى تۇڭگان، خىتاي ۋە قازاق ئاھالىسى ئىگىلەيدۇ. ھازىر 37 ئاھالىلەر كومىتېتىغا بۆلۈپ باشقۇرۇلماقتا بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 21-نويابىر رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بايراق چىقىرىشقا، خىتايچە دۆلەت شېئىرى ئوقۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيە تەربىيىسى ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇيغۇرلارنى، خىتايغا ساداقىتىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان روھىي خورلاش، غۇرۇرىغا تېگىش ھېسابلىنىدۇ» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. ۋە يەنە «ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئائىلىلەردە ئۆتكۈزىدىغان خەتنە قىلىش، نىكاھ ئوقۇش، نەزىر-چىراغ قىلىشقا ئوخشاش نورمال قائىدە-يۇسۇن پائالىيەتلىرىگىمۇ چەك قويۇش، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرز قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.
بىز بۇ ھەقتە دادامتۇ يېزىسىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.
ئاخىرى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تارمىقىدىكى ساقچىخانىنىڭ بىر خىتاي خادىمىنىڭ جاۋابلىرى، دادامتۇدا يۈرگۈزۈلگەن بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ناھىيىدە شۇنداقلا ھەممە جايلاردا ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىمۇ مەخسۇس بايراق چىقىرىش ئورنى بار بولۇپ، ئورگان خادىملىرىمۇ ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدىكەن. باشقا جايلاردىمۇ ھەر بىر مەھەللە كومىتېتلىرى بەلگىلىگەن ئورۇندا بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تۈزۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان. لېكىن ئۇ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلارغا قانداق جازا قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خىتاي ساقچى خادىمىنىڭ، دادامتۇ يېزىسىدىكى دائىرىلەر تارقاتقان ئاممىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشىنى باشقۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، بۇنىڭغا مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ بېكىتكەن، پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مەسئۇل خادىملىرىنىڭ، بۇ خىل سىياسەت تەدبىرلەرنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا قەشقەرگە خىزمەتكە چۈشۈپ قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش كادىر رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىدە يىللاردىن بۇيان ئاممىنىڭ ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە كەنت مەركىزىگە، مەخسۇس مەيدانلارغا ئاممىنى مەجبۇرىي توپلاپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلقىنى، دېھقانلارنىڭ كەنت رادىيوسىدا چاقىرتىلغان ھامان ھەر قانداق مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ، سەپ بولۇپ تىزىلىپ، بايراق چىقىرىشنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىدىغانلىقى، خىتايچە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، گەرچە خەلق بۇ زۇلۇمغا ئىنتايىن نارازى بولسىمۇ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئېيتقان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار زىچ بولغان جەنۇبتا ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بويىچە ياشاشقا، ئىلىم ئېلىشىغا ھېچقانداق يول قويماي، خەلقىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش، ئىدىيىسىنى يۇيۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق بېسىم بىلەن يۈرگۈزۈپ تەجرىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ خىل بېسىم سىياسىتىنى ھازىر شىمالغىمۇ كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئەمما، بۇ خىل ئاشقۇن خاتا سىياسەتلىرى بۇ خىل بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ زور قارشىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۈمىد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق چارىلەرنى بارغانچە كۈچەيتىشنىڭ ئۆزىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىدىن قاتتىق ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.