ئىككى ھەپتىدىن بۇيان فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر قىزى دەپ قارالغان بىر قىزنىڭ بىر خىتاي يىگىتى بىلەن پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە توي قىلغانلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالدى.
سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدىكى خىتاي يىگىتىنىڭ خۇشال كەيپىياتىغا قارشى ھالدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ غەمكىن-مىسكىن ھالىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ۋە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. گەرچە، بۇ سىنئالغۇدىكى قىزنىڭ ئىسمى، يۇرتى، مىللىتى شۇنىڭدەك بۇ توي مۇراسىمىنىڭ نەدە بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىقسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن بۇ قىزنىڭ غەمكىن ۋە نارازىلىق چىرايى ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولماقتا.
ئىنكاسلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋان سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلەندى. بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارقاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئادىتى دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇ خىل قىلمىشقا قارىتا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە، نامايىش قىلىش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە ئۆز دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلىتىش، قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش تەلەپ قىلىندى.
ئۇيغۇر تورداشلار يازغان يەنە بەزى ئىنكاسلاردا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي يىگىتلىرى بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەتتا «بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى خىتايلارغا ياتلىق قىلىش بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ يوللاندى.
29-ماي كۈنى ۋاتسئاپ، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇنبەرلەرگە تارقالغان بىر ئىنكاستا، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان بىرەيلەنننىڭ ۋەتەندىكى سىڭلىسىنىڭ خىتاي بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر يوللاندى. مەزكۇر ئۇچۇردا، «بۈگۈن سىڭلىمنى خىتايغا سوراپ كىرىپتۇ. بىچارە ئاپام نېمە دېيىشىنى بىلمەي، قېنى قاراپ باقايلى دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھەي نېمە كۈن بىزگە!» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەتتا «مەجبۇرلىنىش» ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ مەىسىلەن «ئاسىيا ۋاقتى» ۋە باشقىلاردىمۇ دىققەت قوزغىدى.
ئەمما، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان مەزكۇر سىنئالغۇ فىلىمى توغرۇلۇق ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا رەسمىي خەۋەر بېرىلمىدى.
بىراق، رادىيومىز ئېنىقلاشلار داۋامىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي يىگىتلىرى بىلەن تويلاشقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىشى تەشەببۇس قىلىنغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
خوتەننىڭ چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە 2018-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىدا 10-ماي كۈنى چىرا ناھىيەسىنىڭ دامكۇ يېزىسى باشكەنت مەدەنىيەت مەركىزىدە، ئايگۈل مەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى بىلەن چىرا ناھىيەسىدە داڭقان شورپىسى تىجارىتى قىلىدىغان خىتاي يىگىتىنىڭ تويلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە ئىككى مىللەتتىن بولغان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تويىنىڭ يېزىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، توي مۇراسىمىدا ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەن-ئەنىۋى توي ئادەتلىرى بويىچە ھەم خىتايلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بەجا كەلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي يىگىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ تويىغا رىياسەتچىلىك قىلغان خىزمەت ئەترىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.
بىز مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغان ۋاقىت توردا تارقالغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي يىگىتى بىلەن تويلاشقانلىقى ھەققىدىكى فىلىم بىلەن ۋاقىت جەھەتتىن يېقىن كەلگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى دامكۇ يېزىسى، چىرا بازىرى ۋە چاقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىش نەتىجىسىدە چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي كادىر، قالايمىقان ئۇرۇلغان تېلېفونغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇدىكى بىر تونۇشىدىن ئالغان ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى ۋەتىنىدىكى چېغىدا تونۇشقان دوستلىرىدىن ئاقسۇدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆزىنىڭ قىز دوستىنىڭ، ئاقسۇغا كەلگەن خىتاي ئەسكەرگە تويلىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ياشلار بىلەن ئۆيلەنمىگەن خىتاي ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ خىل پائالىيەتلەردە ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان ياشلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش، ھەتتا مۇھەببەتلىشىپ تويلۇشۇش تەرغىب قىلىنىدىكەن.
ئەمما مەزكۇر ئاڭلىغۇچىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن، بىز ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش سۇپىسىدىن ئىگىلىگەن تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىرقانچە ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئەھۋالى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
ئاقسۇدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاپتوماتىك ئاۋاز ئۈسكىنىلىرىگە ئۇلاندى، بەزىلىرى جاۋابسىز قالدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىلا خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش ھەققىدىكى بەزى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ بەيدۇ تورى ئارقىلىق، 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى(سىناق لايىھىسى)» گە ئېرىشتۇق.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە، خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تويلاشقان ئائىلىلەرگە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، شۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بۇ خىل ئائىلىلەرگە تۇرالغۇ ئۆي، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتىدا ئېتىبار قىلىنىدىغانلىقى، يېڭى توي قىلغانلارغا تويدىن كېيىن 5 يىلغا قەدەر، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقى، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ 2014-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن شارائىتتا يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە نىكاھلىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت.
0:00 / 0:00