خىتاي تاراتقۇلىرى چۆچەكنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدىكى «ئۈلگە شەھەر» دەپ تەشۋىق قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىزچە قانىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى چۆچەك شەھىرى ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ، بۇ جاينى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشى ۋە بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىشىدىكى ئۈلگىلىك كۆزنەك» دەپ تەشۋىق قىلغان.

خەۋەردە چۆچەك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇبىمەرىيەم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىر داغۇر بىلەن توي قىلىپ شالغۇت ئائىلە بەرپا قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي، تۇڭگان، قازاق، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن تويلىشىپ 6 مىللەتنىڭ قېنى ئارىلاشقان شالغۇت ئەۋلاد ھاسىل قىلغانلىقى مەدھىيەلەنگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ شالغۇت ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ خۇشال-خۇرام تاماق يەيدىغانلىقى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغانلىرىنىڭ ئاللاغا، خرىستىئان دەپ بىلىدىغانلىرىنىڭ ئەيساغا، بۇددىست ۋە شامان دىنلىرىغا ئىشىنىدىغانلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جۇڭگو رادىئو تورىمۇ چۆچەكتە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ فامىلىلىك خىتاينىڭ ئائىلىسىدە خىتاي، تۇڭگان، رۇس، قازاق، داغۇر قاتارلىق 6 مىللەتنىڭ تويلىشىشىدىن كېلىپ چىققان 27 شالغۇت كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىناق-ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم» جاي ئىكەنلىكى، بۇ يەردە «خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، تۇڭگان، موڭغۇل، رۇس قاتارلىق 29 مىللەتتىن بولغان 980 مىڭ نوپۇس ياشايدىغانلىقى، ئىككىدىن ئارتۇق مىللەتلەر ئارا تويلاشقان ئائىلىلەرنىڭ پۈتۈن ۋىلايەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7.5% نى ئىگىلەيدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇمكى، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى «يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ناملىق قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقارغان. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش ياكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا سەھنىگە چىقارغان.

ئۆز دەۋرىدە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەرچەن ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت گەرچە بۇ ھۆججەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن دىنىي زاتلارنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى پەش قىلغان ئىدى.

ئىسلام ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ياكى مىللەتلەر ئارا تويلىشىش تەشۋىقاتى ئۆز ماھىيىتى بىلەن مىللىي ۋە دىنىي ئاسسىمىلىياتسىيەدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنى مەيلى دىنىي ياكى مىللىي نۇقتىدىن بولسۇن، قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان سەپسەتەلەرگە قاتتىق رەددىيە قايتۇردى.