ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار،خىتاي ھۆكۈمىتى 28 - ئىيۇل يەكەندىكى ۋەقەنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش» نامى ئاستىدا قاتتىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ - قات چىڭىتىپ، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈزۈملەرنى يولغا قويماقتا.
تېخى ئالدىنقى كۈنىلا خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى قاتارلىق يېزىلىرىدىكى توقۇنۇشنى باستۇرۇش ۋە ۋەقەگە ئالاقىدار ئاتالمىش «تېررورچى» لارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قانچە شەھەر قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى شەھەرلەر ئۇيغۇر ئېلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى شۈ ۋېيخۇا بۇ ھەقتىكى سۆزىدە يېڭى قۇرۇلىدىغان شەھەرلەرنىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشتا ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شەھەرلىشىشنىڭ نامراتلىق، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق چارىسى ئىكەنلىكى، ئىش پۇرسىتى يارىتىش ۋە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار خەۋىرىدە يەنە، ۋاڭ داخاۋ ئىسىملىك يازغۇچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ يېڭى شەھەرلەرنىڭ «يېڭى زامانىۋىي» مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش رولى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاسسىمىلىياتسىيىنى تېزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەن ئارقىلىق شەھەر قۇرىدىغانلىق خەۋىرى بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ يەر ئالدى. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ شەھەرلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ خوتەنگە يېقىن قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار خەۋىرىدە، ئاۋسترالىيىدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولدنىڭ مۇلاھىزىسىنى نەقىل كەلتۈرگەن. جەيمىس لېيبولد مۇلاھىزىسىدە مەزكۇر پىلاننىڭ 2012 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 20 يىللىق شەھەرلەشتۈرۈش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى 20 يىللىق شەھەرلەشتۈرۈش پىلانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2030 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ 68 پىرسەنتىنى شەھەرلەشتۈرۈپ بولۇش، قەشقەر، كورلا، قاراماي، قۇمۇل، ئاقسۇ ۋە غۇلجا شەھەرلىرىنى غوللۇق تايانچ شەھەرلىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش بىكىتىلگەن ئىكەن. دوكتور جەيمىس لېيبولد مۇلاھىزە قىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىڭتۈەننى كۈچەيتىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆرۈنۈشتە نۇرغۇن مەبلەغ سلېىنغان ۋە 19 ئۆلكىنىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇلار مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تۈگۈل، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرگەن. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيىنى تېزلىتىشتىن باشقا نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنى، ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ۋەقەلەردىن دەرس ئالماي، كونا ئۇسۇلىنى جاھىللارچە داۋام قىلماقچى بولۇشىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ زىددىيەتنى ئۇلغايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00