ئىلشات ھەسەن: خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى چۆچۈتەلمەيدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.11.18
uyghur-baqqal-saqchi-oq.jpg ساقچىلار ئۇيغۇر باققالغا ئوق چىقىرىپ يارىلاندۇرغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
Social Media

خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ نىسبەتەن دىققەت تارتقان قارارلىرىدىن بىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنى قۇرۇش پىلانىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كومىتېت ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن پەرقلىق ھالدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كومىتېتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىدىكى بۇ يېڭى يۈزلىنىشنى بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە تەدبىرى دەپ قارىسا، بەزىلەر پارتىيە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى دەپ قاراشماقتا، يەنە بەزىلەر بولسا، خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرى دەپ قاراشماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتە «مەزكۇر كومىتېت تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، بۇ كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى تىزگىنلەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

مۇخبىرىمىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى:

سوئال: بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ كومىتېتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، خىتاينىڭ بۇ نۇقتىدا ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئۈلگە ئالغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە قارشى بىر يېڭى دۆلەت مۇداپىئە تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، سىزچە بۇنداق قاراش ۋە چۈشىنىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: مەنچە بەك ئۇيغۇن ئەمەس؛ چۈنكى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەتلەر بىخەتەرلىك خىزمىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتنى قوغداشنى نىشان قىلغان. ھازىرقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ نىشانى پەقەتلا ئىچكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش.

سوئال: بۇ كومىتېتنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر بىخەتەرلىك ئورگىنى ك گ ب غا ئوخشىتىۋاتقانلار بار. بۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئەمەس، پارتىيە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئازايتىپ پارتىيە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بۇ كومىتېتنى قۇرماقچى. سىزچە بۇ خىل چۈشىنىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، چۈنكى خىتاينىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر قىسىم ئىختىلاپلارنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى ۋە كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان؛ بۇ يەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭلا ئەمەس، كومپارتىيە ئىچىدىكى شى جىنپىڭ گۇرۇھىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى كۆزلەۋاتقانلىق ئېھتىمالى بار. ئەمما مەنچە توغرىسى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمەت سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلماقچى بولۇشىدا، ئەڭ ئاساسلىق مەقسەت، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئازايتىش ئۈچۈن؛ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. بۇ قارارنىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئارقىدىنلا ئېلىنغانلىقى بۇ پىكرىمنىڭ ئاساسى.

سوئال: دېگىنىڭىزدەك، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭمۇ چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ «بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئەندىشە نېمە، مەقسەت نېمە؟» دېگەن سوئالىغا «بىزنىڭ بۇ كومىتېتىمىز، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىلا تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ؛ ئۇنداقتا، خىتاينى بىخەتەرلىك جەھەتتە بۇنداق تەدبىر يېڭىلاشقا مەجبۇرلاۋاتقان سەۋەبلەر نېمە؟

جاۋاب : بۇ يىل ئىچىدە مارالبېشى ۋە پىچان قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ۋە ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە ئەڭ يېقىندىكى تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاينى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما خىتاي يەنىلا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەك بولغان نۇقتىغا كۆز يۇمۇۋېلىۋاتىدۇ. زوراۋانلىق بىلەن تىنچلىقنى قوغداشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ.

سوئال: تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، چىن گاڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رادىئومىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ يېڭى قۇرماقچى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىدىن چۆچۈگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، ئۇ ھەرگىز ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتەلمەيدۇ» دېدى؛ سىز، بۇ قاراشقا ئورتاقمۇ؟

جاۋاب: توغرا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، مەيلى شەرقى تۈركىستان ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن؛ مەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، چوڭ ۋە تېز ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. دۇنيانىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە توغرا تونۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان ھېسداشلىقلار خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ۋە چۈچۈتۈۋاتقان يېڭى بىر ۋەزىيەت.

سوئال: سىزچە، مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلسا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار؟

جاۋاب: مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلسا، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەلىرى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەھەتتە سىستېمىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىش ئىمكانلىرىنى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇش ئېھتىمالى بار؛ زەربە بېرىش جەھەتتىن ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىستىلاھ قىلغاندىن ھازىرغا قەدەر مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى قوغداشتا ھېچقاچان يۇمشاق قول بولمىدى؛ ھەر ۋاقىت سەزگۈر ۋە رەھىمسىز پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. شۇڭا دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىدە شەكىل ۋە شوئاردا ئۆزگىرىش بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئىمكانىيەتسىزلىكلەر ئىچىدە شۇنچىلىك قارشىلىق كۆرسىتەلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ شىددەتلىك قارشىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

سوئال: ھازىرغا قەدەر سىز ۋە سىزگە ئوخشىغان كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن بەزىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسسىس، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكى، بۇ قېتىمقى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدا ئىسپاتلاندى. سىزچە، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىش ۋە يۈزلىنىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟

جاۋاب: يېقىنقى ۋەقەلەرگە قارىساق، ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلار ھۇجۇم نىشانىنى پۇقرالاردىن مۇمكىن قەدەر ئۇزاق تۇتۇشقا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئاپپاراتلىرىنى ئاساسى نىشان قىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ چوڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان-تاراجى ئۇيغۇرلارنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ھەقسىزلىق. سىز دېگەن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسنىڭ پەرىزىنىمۇ توغرا دەپ قارايمەن. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتەك ۋەتەنپەرۋەر ياشلار بار. ئۇلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئانا ۋەتىنىدىكى پاجىئەلەرنى ھەر كۈنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ ياشاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرلىرىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت تۇرۇبا يوللىرى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى تيەنئەنمېنگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا كۆپ يېقىن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بالدۇر ياكى كېيىن چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ دەپ قارايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.