خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقى تەكىتلەنمەكتە

0:00 / 0:00


18 - فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 2015 - يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قايتۇرۇلدى. بۇ ئىنكاسلاردا بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە پارىخورلۇققا زەربە بېرىش، خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكى مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق سىياسىي مەزمۇندىكى نومۇرلارنىڭ جىقلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا 30 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكىلىرى ئىچىدە، بۇ يىللىق «چاغان كېچىلىكى»نىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2015 - يىلى قوي يىلىغا بېغىشلانغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى خىتايچە ئاممىۋى تور بېكەتلىرى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بىردەك «يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلغان سەنئەت كېچىلىكى» دەپ باھالاندى.

خەلقئارالاشقان ئاممىۋى تور بېكىتى يوتۇپقا قويۇلغان 3 سائەت 57 مىنۇتلۇق «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى»نىڭ تولۇق قىسمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە«بۇ يىللىق كېچىلىكتە ئېيتىلغان ناخشىلاردا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەدھىيىلىنىپتۇ، ئىتوتلاردا نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان پارىخورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ نەتىجىلىرى تەشۋىق قىلىنىپتۇ، ناخشا - ئۇسۇللۇق چوڭ تىپتىكى نومۇرلاردا خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختلىك ياشاۋاتقىنى ئەكس ئېتىپتۇ» دەپ يېزىلغان.

خىتايدىكى ئااممىۋى تور بېكىتى سىنادا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە، «بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىك پۇقرالارغا ئەمەس، بەلكى باشلىقلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ» دېيىلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئاممىۋى خەۋەرلەر گېزىتى» ( گۇڭباۋ)نىڭ 18 - فېۋرالدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان«چاغان كېچىلىكىدە سىياسىي تېندېنسىيە قانداق ئىپادىلەندى؟» سەرلەۋھەلىك ئوبزوردا، خىتاينىڭ 2015 - يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تەنقىدلىنىپ،«30 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چاغانلىق سەنئەت كلېچىلىكلىرى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقئارالاشقان چوڭ تىپتىكى سىياسىي تەشۋىقات كېچىلىكىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى سەنئەت كېچىلىكىدە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلەر سەھىنىگە ئېلىپ چىقىلدى. بۇ يىللاردا خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا ئايلاندۇرۇلدى. شۇڭا بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، خىزمىتى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

بۈگۈن يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان « پارىخورلۇققا زەربە بېرىش مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىدا ئەكس ئەتتى، پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى پەرقلىق بولدى» سەرلەۋھەلىك ماقالىدە، فىرانسىيە رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قوي يىلىغا بېغىشلانغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سىياسىي تۈس قويۇق ئەكس ئەتتى» ناملىق پروگراممىدا، ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان«سەنئەت كېچىلىكى دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇلدى» قاتارلىق پروگراممىلاردا خىتاينىڭ 2015 - يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە باھا بېرىلىپ، بۇ كېچىلىكتە سىياسىي خاھىشنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلۈكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەسىلەن، چاغانلىق سەنئەت كېچىكلىكىنىڭ باشلىنىش پروگراممىسى بولغان «مەن جۇڭگونىڭ ياخشى ئوغلى» ناملىق ناخشا - ئۇسۇللۇق نومۇردا خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمانلارغا تەمسىل قىلىنىپ مەدھىيىلەنگەن. «بۇ مېنىڭ ئەمەس» قاتارلىق بىرقانچە ئىتوتتا «خىتايدا نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەكس ئەتكەن، «بىز يۈرىكىمىزنى ساڭا بەردۇق» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسۇللۇق پروگراممىغا «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 10 نەچچە مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كىرىشتۈرۈلگەن، « يەر يۈزىدە باھار» ناملىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەتچىلىرى ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسۇللۇق نومۇردا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان«جۇڭگو چۈشى» ۋە خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى مەدھىيىلەنگەن.

يوتۇپ تورىدىن خىتاينىڭ چاغانلىق پروگراممىسىنى تولۇق كۆرۈپ چىقان بەزى كۆرۈرمەنلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يەر يۈزىدە باھار» ناملىق ئاز سانلىق مىللەت ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسۇللۇق نومۇردا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سەھنىگە چىقىش تەرتىپى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، «مەن بۇلتۇرقى ۋە ئالدىنقى يىلدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇلاردىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل پروگراممىسى بار ئىدى. ئەمما قىزىقارلىقى، ھەر يىلى سەھنىگە ئاۋۋال چىقىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، جۇڭزۇ... قاتارلىق مىللەتلەر تەرتىپى بۇ يىل ئۆزگىرىپتۇ. بۇ يىلقى تەرتىپ، تۇڭگان، موڭغۇل، مانجۇ، جۇاڭزۇ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر تەرتىپى بويىچە بولۇپتۇ، سەھنىدە ئاز سانلىق مىللەت ناخشىچىلىرىمۇ كۆرۈنمەيدۇ» دېدى.

خىتاي تىلىدىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنە، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى سىياسىي تەشۋىقات ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە خاراكتېرلىك تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەرق شامىلى» دا «شەرق يورۇمايدۇ» تەخەللۇسلۇق ئوبزور چى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە، خىتاينىڭ 2015 - يىللىق چاغان كېچىلىكىگە ۋە 30 يىلدىن بۇيانقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىگە باھا بېرىلىپ، «مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 1979 - يىلى باشلانغان ئىدى. 1983 - يىلدىن باشلاپ تېلىۋىزىيىدە تارقىتىشقا باشلىدى. 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 1989 - يىلغىچە بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى دېموكراتىك ئىدىيە ئەكس ئەتكەن دەۋر ۋە 1990 - يىللاردىن كېيىنكى كومپارتىيە مەدھىيىلىنىپ، دېموكراتىيە بوغۇلغان دەۋر. 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق سىياسىي قورالىغا ئايلىنىپ بولدى. بۈگۈنكى پروگراممىلار پۇقرالارغا ساپ سەنئەتكە خاس ئىستىتىك زوق بېرىش ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش قورالىغا ئايلاندى» دېيىلدى.