مەلۇم بولۇشىچە، كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى» ناملىق زور تىپتىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىي 6 مەيدان سىياسىي لېكسىيە ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
«دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنى» دېگەن ئومۇمىي تېما ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زور كۆلەملىك سىياسىي لېكسىيەلەرگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 722 سىنىپ ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇلغان. ھەر قېتىملىق لېكسىيە ئۈچۈن 4000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى 2 سائەتتىن كەسپىي دەرسلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، كەسپىي دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر سىياسىي لېكسىيەنى ئۆز تىلىدا ئاڭلىغان. لېكسىيە مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدا ئايرىم مەيدانلارغا بۆلۈنۈپ سۆزلەنگەن. لېكسىيە سۆزلەش گۇرۇپپىسىغا سىياسىي جەھەتتىكى ئاكتىپلار، ئۇزۇن يىل سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتى بىلەن شوغۇلانغانلار ۋە ئۆستۈرۈش ئوبېيكتى قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتۇرۇلغان.
ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلباھار خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
گۈلباھار خانىم ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00