خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارىنىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈشى چۆپقەتلىرىنى ئەندىشىگە چۈشۈرگەن

0:00 / 0:00

25-ئاپرېل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇانىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، چېن يۋەنخۇا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن. خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، چېن يۇەنخۇانىڭ تۇتۇلۇشى ئۇ جاھان سۈرگەن پەيتتە خوتەندىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىگە بولۇۋاتقان ئۇنىڭ بىر يۇرتلۇق چۆپقەتلىرىنى ئەندىشىگە چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش تورىدا ئېلان قىلىنغان خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن يۋەنخۇا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن يۋەنخۇا ئەسلىدە ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان سىچۈەنلىك خىتاي بولۇپ، ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان خوتەن تەۋەسىدە يېزىلىق پارتكومنىڭ كاتىپى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات كادىرى، خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ باش كاتىپى، تەشۋىقات ۋە تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ مۇدىرى، لوپ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ھەمدە خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ئىكەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ياكى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر تارقاتمىدى.

«سۇمۇرغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېن يۋەنخۇا شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىككە قارشى ئوپېراتسىيەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قارماققا ئىلىنغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ھېسابلىنىدىكەن.

چېن يۇەنخۇانىڭ نېمە سەۋەبلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز يەنە خوتەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان خادىم «چېن يۇەنخۇانى مەن تۇتمىدىم، مەندىن ئەھۋاللارنى سورىماڭ» دەپ قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويدى.

چېن يۇەنخۇانىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خوتەن شەھەرلىك رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەسىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خوتەن ناھىيىسىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خوتەن شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش باھانىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ يەر زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي ئەرزان باھادا تارتىۋالغانلىقىنى شىكايەت قىلغان دېھقان ئايال بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ خوتەن پارتكوم سېكرېتارىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق.

ئۇ ئايال بۇ خەۋەرنىڭ رادىئودا ئاڭلىتىلغانلىقىنى، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال يېقىنقى كۈنلەردە يەنە خوتەندىكى ئەمەلدارلار كېلىپ تارتىۋالغان يەرلىرىنىڭ ئورنىغا يەر كېسىپ بەرگەنلىكىنى، كېسىلىپ كەتكەن ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئورنىغا باشقىدىن ياڭاق دەرەخلىرىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ «جايىغا كەلدى، بىزمۇ رازى بولدۇق» دەپ مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى.

بىر قانچە يىل ئىلگىرى خوتەنگە كېلىپ خەلقئارا ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرۇۋالغان جىن فامىلىلىك خىتاي ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خوتەندە ئىش ئوقەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، شەھەر باشلىقى ۋە پارتكوم سېكرېتارلىرى بىلەن يېقىنلىقىنى پەش قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا قايتا تېلېفون قىلىپ چېن يۇەنخۇانىڭ تۇتۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشىدىكى سەۋەبنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇ گەرچە ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، زادى قانداق ئېغىر دەرىجىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «چېن يۇەنخۇا بىلەن يۇرتداش ئاغىنىلەردىن بىز، ئۇمۇ سىچۈەنلىك ئۆزى ياخشىتى، ھازىر ئۇ ھەققىدە پاراڭلاشمايمىز، ھازىر مەركەزدىنمۇ، ئاپتونوم رايوندىنمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈشكە ئادەم كەپتۇ، ھەممىسى مۇشۇ يەردىكەن دەيدۇ، بۇنداق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشمۇ ئەپسىز.»

ئۇ يەنە ئارقىدىنلا ئاغىنىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزدى-دە بولمىسا تۇتۇلامدۇ، خوتەندىكى ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ شەھەرگە شۇجى بولغىلىمۇ ئەمدى 3 يىل بولغان تۇرسا، قانچىلىك خىيانەتچىلىك قىلىپ كېتەلەيدۇ دەيسىز، ئەسكى چوڭ باشلىقلار شۇنداق جىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ غايەت زور خىيانەتچىلىك قىلغان باشلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، چېن يۇەنخۇانى كىچىك بېلىجان دېسەك بولىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ چوڭ ئىش قالغانلارنى تۇتماي، مۇشۇلارنى قاماققا ئالىدۇ كەچكىچە، ھۆكۈمەت ئېلان قىلمىغۇچە ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.»

بىز ئۇنىڭدىن چېن يۇەنخۇا تۇتۇلغاندىن كېيىن جېنىنىڭ ئۆزىدىن ۋە سودىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇنىڭ جاۋابلىرىدىن، گەرچە ئۆزىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ، ئەمما يول، ئۆي-زېمىن قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان يۇرتلۇقلىرىنىڭ چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، باشقىلارنىڭمۇ شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى:

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چېن يۇەنخۇا بىلەن ئۇ لوپقا شۇجى ۋاقتىدىلا ئارىلىشاتتىم، بىز بىللە ھاراق ئىچىپ پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، يۇرتلۇق بولغاندىكى بەزى ئىشلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلىدىغان گەپ، لېكىن مەن كىچىك سودا قىلىدىغان ئادەم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بىزگە ئۇنداق چوڭ سودىلارنى بەرسىمۇ قىلالمايمىز، شۇنىڭ يولى بىلەن ھۆكۈمەتكە تايىنىپ يول ياساش دەمسىز، يەر ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىش دەمسىز، شۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغانلار چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. يۇرتداشلار، ئاغىنىلەرمۇ بۇ گەپنى چىقىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. بىر نېمە دېمەك تەس.»

چېن يۇەنخۇاغا دائىر ئۇچۇر ئارخپلىرىمىزدىن مەلۇمكى، 3 يىل ئاۋۋال لوپ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرىقىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن چېن يۇەنخۇا خوتەن شەھىرىدە خىزمەت باشلىشى بىلەنلا ئەڭ ئالدى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا 2014-يىللىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا يېقىندا خوتەن شەھىرىگە چارلاش ئاپتوموبىلىدىن 10 نى ئەكەلگەنلىكىنى، بۇلار مەخسۇس ھىجابلانغان، جىلباب كىيگەن مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنى خالىغانچە تۇتۇپ ئاپىرىپ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، بۇنداق كىيىمنى كىيىشكە زادى كىمنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە «يىل ئاخىرغىچە، خوتەن شەھەر ئىچىدە يۈزىنى يۆگەيدىغان بىرمۇ ئادەم قويمايمەن» دەپ سۆزلىگەن.

چېن يەنە خوتەندىكى دوختۇرخانا، ئاممىۋى قاتناش ۋە باشقا ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا بىردەك ھىجابلانغان، جىلباب كىيگەن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىق، مۇلازىمەت قىلماسلىق ھەمدە بايقىغان ھامان شەخسى ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە يەتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان ئىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئادىل نۇرمەمەت پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئادىل نۇرمەمەتنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى، خۇسۇسىي شىركەتلەردىن پايدا كۆزلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.