خىتاينىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مىخايىل براندىنىڭ خىتايغا كىرىشىگە يول قويمىغانلىقى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
11-ماي گېرمانىيەدىكى «ئەينەك» گېزىتى، «سۈرەتلەر» گېزىتى ۋە «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مىخايىل براندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ لاسا ۋە ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە خىتاينىڭ يول قويماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە تىلغا ئالغانلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىدى.
مىخايىل براندىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۆپ خىل ئۇسۇلدا دىئالوگلار ئېلىپ بېرىپ، 5 يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ئاقىۋەت بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى ۋە لاسانى زىيارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن.
مىخايىلنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئاخىرقى 2 يىلدا دىئالوگ ۋەزىيىتى بىرئاز ئوڭشىلىپ، خىتاي تەرەپ ئاخىرى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە لاساغا بېرىشىغا قوشۇلغان. بىراق، ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ بولغاندا، خىتاي تەرەپ تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، بۇ زىيارەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە مىخايىل براندىنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مىخايىل براندىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىشىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىخايىل بىراندى خىتاينىڭ ئۆزىنى چەكلەش مەسىلىسىگە ئىزاھات بېرىپ، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى «گېرمانىيە تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىدىن ئۇزاق تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ يېقىندا بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر يىغىلىشىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئۆزىنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ نەدە، نېمە قىلىشىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە يولسىزلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، مىخايىل بىراندىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدە ئوچۇق پىكىر بايان قىلغان بىر زات ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مىخايىل براندى گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تېخىمۇ قاتتىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. بىز خىتاينىڭ ئىشلىرىمىزغا شەرت قويۇشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم ‹گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم گۇرۇپپىسى مىخايىل بولمىسا، بىز بۇ زىيارەتنى بىكار قىلىمىز دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ زىيارەت ئەمەلدىن قالىدۇ› دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. مەن بولمىساممۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم گۇرۇپپىمىز پارلامېنتنىڭ قارارىغا بىنائەن ئۈرۈمچى ۋە لاسانى زىيارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىرىمېن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئۇلرىكې خانىم بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى يوشۇرۇپمۇ يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرگە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە خىتاينى يولسىزلىقتا ئەيىبلىدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭ زىيارىتىنى چەكلىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ دېكتاتۇرلۇق تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ مىخايىل بىراندىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىشى، دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا كىرىشىنى توسۇپ قىلىش قىلمىشى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مىخايىل براندى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە يەنە، خىتايدا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تۇتۇۋاتقان بۇ خىل يولسىز مۇئامىلىلىرىنىڭ، ئاقىۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
0:00 / 0:00