خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 14-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق 21 خىل ھەربىي قورالىنى سىناق قىلغان. بۈگۈن بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى رايوندىكى خەلقنى زوراۋانلىق يولىغا كۈشكۈرتۈش ۋە مەجبۇرلاش دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە «خىتاي بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى ھاكىمىيەت ئەندىشىسىنى ۋە بۇ ئەندىشىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشتە ھەققانىي تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى» دېدى.
رابىيە خانىم باياناتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى زىددىيەتنىڭ يىلتىزى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا تېڭىلغان، مەجبۇرلانغان بىر ھاكىمىيەت، شەرقى تۈركىستان بېسىۋېلىنغان بىر زېمىن، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا خىتايغا قارشى شىددەتلىك بىر نارازىلىق ۋە نەپرەت بارلىقى بىر رېئاللىق.»
رابىيە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رايوننى ئىشغال قىلغاندىن تا ھازىرغىچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنىڭ بارلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ كەلدى، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى ئىكەنلىكى ئېنىق؛ ئەمما مەۋجۇت رېئاللىقلار سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار، ئۆز قارشىلىقىنى يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن، ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن ئىپادىلەپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتىكى قارشى كۈچكە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق زامانىۋى قوراللىرىنى ئىشلىتىشى ۋە ئىشلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى، خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ۋەھشىيلىك، ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق يولىغا تېخىمۇ قىستايدۇ ۋە مەجبۇرلايدۇ، بۇ مانېۋىر ئۇيغۇرلارنى ئۆيىدىن سۆرەپ ئاچىقىپ زوراۋانلىق يولىغا ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى، كوچىلىرىدا كۆز-كۆز قىلىنىۋاتقان ئوتچاچارلارنى كۆرگەن خەلقىمىز، ئۆزىنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭمۇ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى قوغداش پسىخىكىسى بىلەن بولسىمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قېتىلىدۇ.»
رابىيە خانىم يەنە، خىتاي بۇ ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەممىگە مەلۇم ھەربىي كۈچىنى ئەمەس، ھەق ۋە ئادالەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن قورالسىز بىر خەلققە، بۇنچە چوڭ زامانىۋى قورال بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، خىتاي شەرقى تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇ مانېۋىر بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆزى سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكنى ئۇنتۇماسلىق، ئېتىراپ قىلىش. ئەلۋەتتە ھەر دىكتاتور كۈچى خەلققە ئۆزى سالغان زۇلۇمنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا تەييارلىق ھالىتىدە بولىدۇ.»
رابىيە خانىم، بۇ مانېۋىر ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى، يەنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشتە ھەققانىي تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېدى. خانىمنىڭ يەنە قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردا گەرچە ھازىرقى باسقۇچتا ھەربىي قورال بولمىسىمۇ، ھەقسىزلىققا قارشى كۈچلۈك ئىمان ۋە ئېتىقاد بارلىقىنى، ئۇلار تەۋرەنمەس بىر ئىرادىگە ساھىب ئىكەنلىكىنى، مانا بۇ كۈچنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خېلىلا ئالاقزادە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي تەرەپنى رايوندا مۇقىملىقنى شەكىللەندۈرۈشتە خاتا يولدىن ۋاز كېچىشكە، زوراۋانلىقنى توختىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. رابىيە خانىم رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، بۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يۈز تۇرانە ئاڭلاش ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مۇزاكىرىلەشكىلى بولىدىغان ئورتاق نۇقتىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش دەپ كۆرسەتتى.