خىتاي ھۆكۈمىتى «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2018.02.26
ئانالىزچىلار: 22-فېۋرال, خىتاينىڭ «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» نىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلىشى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاش قېلىشقا ئۇرۇنۇش، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ يىل 1-ئاي مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىزمنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلەنگەن كارل ماركسنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىغا ئاتاپ ياسىغان ھەيكەلنى ماركسنىڭ گېرمانىيەدىكى يۇرتى تيېر شەھىرىگە سوۋغا قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ مەزكۇر سوۋغىتىغا قارىتا گېرمانىيەدە مۇنازىرە كۈچىيىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەر خىل نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا 22-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى، يەنە كارل ماركس ۋە ئۇنىڭ سەپدىشى ئېنگلىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» نىڭ 170 يىللىقى خىتايدا داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
نۆۋەتتە، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان شوتلاندىيەلىك سەنئەتكار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان «كوممۇنىزم ئىدىيەسى» ۋە 19-ئەسىردىكى كارل ماركسنىڭ «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» بۈگۈنكى گېرمانىيەدە ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن كونا پەلسەپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى «كوممۇنىزم» ئاتالغۇسى،گېرمانىيەدە «رېئاللىقتىن ئايرىلغان، ھېچقانداق رېئال ئەھمىيىتى بولمىغان قۇرۇق سەپسەتە» ۋە «ھاكىممۇتلەق» لىقنىڭ سىمۋولى.
جوئې خامىلتون ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كارىل ماركس تەرىپىدىن يېزىلغان ‹كوممۇنىزم خىتابنامىسى› نىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمچە يېقىندا يەنە كارل ماركسنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىمۇ خىتايدا داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەنمەكچى ئىكەن. ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كوممۇنىزم نەزەرىيەسى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىر قاباھەتلىك تۇيغۇ. چۈنكى، تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى رۇسىيەدە قۇرۇلۇپ، ئاللىقاچان پارچىلىنىپ بولغان سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى نەزەرىيە قىلغان سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى، يەنى ياۋروپادا سانسىزلىغان ئىنسانلارنىڭ كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى ۋە ھازىرغىچە كىشىلەر قەلبىدىكى ئېغىر جاراھەت. شەخسەن مېنىڭ تۇيغۇمنى سورىسىڭىز مەن بۇندىن 200 يىل ئىلگىرى ياشىغان كارل ماركسنى پەقەت بىر ئىلىم ئادىمى، يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ دەپلا بىلىمەن. ئۇنىڭ نەزەرىيەسىمۇ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن ۋە ئۆلگەن بىر نەزەرىيە».
جوئې خامىلتون ئەپەندى يەنە كارل ماركسنىڭ كوممۇنىزم نەزەرىيەسى ۋە ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ماركسنىڭ كوممۇنىزم نەزەرىيەسى رۇسىيەدە، خىتايدا بازارغا سېلىنىپ، بۇ ئاتالمىش سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر خەلقلىرىگە ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق دىكتاتورلارنى دۇنياغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىق سىياسىتى بۇ دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، سانسىزلىغان كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى» دېدى.
ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ماركسنىڭ ‹كوممۇنىزم خىتابنامىسى› نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كوممۇنىزمنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. لېكىن، بۈگۈنكى گېرمانىيەدە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كوممۇنىزم نەزەرىيەسى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى كىشىلەر خالىمايدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئەركىنلىك،دېموكراتىيە قارىشىنىڭ مەلۇم ئىدېئولوگىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا گېرمانىيەدە كوممۇنىزم نەزەرىيەسى بازار تاپالمايدۇ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىگىمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئورۇن يوق» دەپ تەكىتلىدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 19-ئەسىردە ئۆتكەن ماركس ۋە ئېنگلىس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالغان ھەم مەغلۇپ بولۇشى ئىسپاتلانغان «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» يەنە كۆتۈرۈپ چىقىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە گېرمانىيەدە كارل ماركس ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىزم نەزەرىيەسىنىڭ گېرمانىيەدە بازىرى يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە كارىل ماركسنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش نامىدا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى گېرمانىيەگە سوۋغا قىلىش ھەم ئۇنىڭ «كوممۇنىزم خىتابنامىسى» نى خاتىرىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ۋە گېرمانىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ گېرمانىيەگە ئوخشاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۈنۈمى يوقلىغىنى بىلدۈردى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر كەلگەنلىكى ھەم كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمى ۋە خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ قوش زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،90-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىلىرىشى بىلەن رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر غۇلىغان، خىتايمۇ ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولىغا مېڭىپ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى كوممۇنىزم ئىدىيەسى سۇسلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ قايتىدىن كوممۇنىزم تەشەببۇسىنى كۈچەيتىشىدە ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق ۋە بىر پارتىيەلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ، كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشى ۋە خىتايدا كوممۇنىستىك تۈزۈمى ۋە خىتاي شاۋىنىزمىنىڭ قوش زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنىڭ بېشارىتى دېيىش مۇمكىن.
نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بولسا، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتايدا ھاكىممۇتلەق ۋە بىيوكرات سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن تەرىپلىنىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «كوممۇنىزم نەزەرىيەسى» نى كۈچەيتىشنى قايتىدىن تەكىتلىشى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شا مىڭ مۇنداق دېدى: «بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كوممۇنىزم نەزەرىيەسىنى تەكىتلىشى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، شى جىنپىڭنىڭ ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى يەنىلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش. كومپارتىيە خىتايدا 70 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا كوممۇنىزم نەزەرىيەسىدىن ۋاز كېچەلمىدى. چۈنكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن باشقا نەزەرىيە ئاساسىمۇ يوق. بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭ يېڭى بىر نەزەرىيە ئاساسىنىمۇ تاپالمىدى، شۇڭا ئۇ يەنە ماركسىزم نەزەرىيەسىنى قايتىدىن تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش. بۇ ئارقىلىق خىتاي دۆلىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش».
شا مىڭ ئەپەندى يەنە يەنە شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى،دىنىي ئەركىنلىك، ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىقلار تېخىمۇ قاتتىق چەكلىنىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قارىتىلغان سىياسىي، دىنىي مەدەنىيەت باستۇرۇشىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە، ماركسىزم تەلىماتىنى قايتىدىن نەزەرىيە ئاساسى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئاراغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھازىر «خىتاي چۈشى» يەنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما شى جىنپىڭ ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» نى غەرب دۇنياسىدا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن كوممۇنىزم نەزەرىيەسىگە باغلىۋالغىنى ئۈچۈن،كىشىلىك ھوقۇق ۋە غەرب قىممەت قارىشى تەكىتلىنىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش چۈشى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ.