خىتايدا 1-مارتتىن باشلاپ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نازارەت قىلىش باشلاندى
2015.03.03

مارتنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي يەنە «ئىنتېرنېت تورىدىكى ئابونتلارنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى رەسمىي يولغا قويدى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن مىكرو بلوگ، ئۈندىدار، ق ق، مۇنبەر قاتارلىقلاردىكى ھېسابات نومۇرىغا 9 تۈرلۈك شەرت قويۇلىدىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىنىڭ كۈچىيىشى يەنىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.
يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان مىكروبلوگ ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللانغۇچىلار خاس تور بوشلۇقلىرىدا «جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش»، «دىققەت قىلىش» قا ئوخشاش ئۇچۇرلار جىددىي تارقىلىپ تور دۇنياسىنى باشقىدىن سۈر پەيدا بولماقتا. ئىنكاسلاردىن ئابونتلاردا پەيدا بولغان بۇ جىددىيچىلىكنىڭ مارتنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي يەنە «ئىنتېرنېت تورىدىكى ئابونتلارنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» رەسمىي يولغا قويۇش ئۇقتۇرۇشىدىن پەيدا بولغان ئىنكاس ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھازىر دۇنيادىكى تور قوللانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، تاراتقۇلاردا يېقىندا خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلار سانىنىڭ 650 مىليوندىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۆپ چارە تەدبىرلەر بىلەن كۈچەيتمەكتە. بەزى مەنبەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، مىكرو بلوگ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇر، ماقالە، يازمىلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن يولغا قويغان ئىنتېرنېت تورىدىكى ئابونتلارنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، «تورداشلار ئىنتېرنېت تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە رويخەتكە ئالدۇرغاندا قوللىنىدىغان ھېسابات ئابونت نامى تۆۋەندىكى 9 تۈرلۈك شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. يەنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ مىللەتلەر ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا، مىللىي كەمسىتىش قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ؛ شەھۋانىيلىق، ئىشقۋازلىق، قىمار ئويناش، زوراۋانلىق، قاتىللىق قاتارلىق مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر خىلاپلىق قىلىنسا، مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىش، ۋاقىتلىق ئىشلىتىشتىن توختىتىش ۋە تىزىمدىن چىقىرىۋېتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش ۋە چەكلىمە قويۇشنى ئاشۇرىدىغان مەخسۇس قانۇن ماددىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ماددىلارنىڭ بىرىدە ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا 3يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ. يېقىندىن بۇيان تور، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكى ياكى چاپلىغانلىقى ئۈچۈنلا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ جازاغا ئۇچراپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنتېرنېت تور بەت قۇرغۇچى ۋە تور بەت يازغۇچىلىرىدىن نىجات ئازاد، دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز، ئىلھام توختى قاتارلىق نۇرغۇن زىيالىيلارنى تۈرمىگە سولاپ، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت توربەتچىلىكىگە ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت مەسىلىلىرىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەنە شۇنداق ئىنتېرنېت قامالىنىڭ ئەڭ يېقىنقى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى بولسا «يەكەن ۋەقەسى» ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىش بىلەن قولغا ئېلىنغان 22 ياشلىق ئابابەكرى رېھىمدۇر.
مارت ئېيىدىن باشلاپ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا قويۇلغان يېڭى چەكلىمە ۋە نازارەت قىلىش بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۇچۇرغا ئېشىشىش ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراش، تېخىمۇ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىدەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى:
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 2014-يىل بىر يىل ئىچىدە تور ساقچىلىرى ئارقىلىق 5000 كىشىنى ئىز قوغلاپ تۇتقۇن قىلغان. يېقىندا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015-يىلىدا ئىنتېرنېت -ئۇچۇر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور ساقچىلىرى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.