شىۋېتسىيە ئانتونبلادېت تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 17-مارت كۈنى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يىغىنى زالىدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، 2015-يىللىق دۆلەت ئىستىخباراتىغا دائىر خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئاندېرس ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاز دېگەندە 10 غا يېقىن دىپلوماتنى رۇسىيەگە قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ جاسۇسلارنىڭ مەقسىتى شىۋېتسىيە ئىچىدە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش، سىياسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىش، دېموكراتىك ھالدا قارار چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى « رۇسىيەنىڭ شىۋېتسىيەگە قىلىۋاتقان پسىخىك ئۇرۇشى» دەپ كۆرسەتتى.
جاسۇسلارنىڭ يەنە رۇسىيە ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە شىۋېتسىيەدىكى چوڭ شىركەتلەردە ھەر خىل كەسپى خىزمەتلەر بىلەن نىقابلىنىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيە ئاخبارات -تاراتقۇلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ بىر تەرەپلىمىلىك قۇتراتقۇلۇق قىلىشى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شىۋېتسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىشى، شىۋېتسىيەنىڭ ئەسكىرى بازىلىرىنى رازۋېدكا قىلىشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرى شىۋېتسىيەنى ئەندىشىگە سالماقتا.
دوكلاتتا يەنە، شىۋېتسىيەگە كېلىدىغان خەۋپنىڭ رۇسىيەدىن باشقا خىتاي ۋە ئىراندىن كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ھەر يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا شىۋېتسىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتلەر قاتارىدا خىتاينىمۇ ئىزچىل تىزىملىك ئىچىدە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە پەن-تېخنىكىغا دائىر ئۇچۇر جاسۇسلۇقىدىن 2014-يىلى 3-سېنتەبىردە شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق «پادىشاھ ئالىي تېخنىكا نىستوتىك ت ھ» غا قاراشلىق تەتقىقات مەركىزى بىلەن تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش باھانىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، شىۋېتسىيەنىڭ «جاس» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان سودىسى ئاشكارىلىنىپ شىۋېتسىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغانلىقى شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن 2014-2015-يىللىق ئىستىخبارات دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن ئىدى.
بىز، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەھەتنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇللا ئەھەت شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللا ئەھەت يەنە شىۋېتسىيەدىكى ۋەتەنداشلىقى چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بابۇردەك خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئابدۇللا سۆزىدە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بولسا، ئۇنى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ۋاقتىدا پاش قىلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنلۇق قوغدىشىغا تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن باتۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىزچىل تۈردە دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، نورمال تۇغقان يوقلاشقا بېرىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇزىقىغا دەسسەپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالماسلىقىنى بىلدۈردى.