كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئىگىلەش كۆلىمىنى كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم
2013.02.25
بىزگە كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن بىر قىسىم كۆچمەن خىتايلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.
بەزى رايونلاردا ئۇيغۇرلار قولىدىكى يەرنىڭ ئازلىقىغا قارىماي سۇ يەتمەي يەر تېرىشقا ئامالسىز قالغان بولسا، دەل شۇ رايونلاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى سۇ ئەڭ جىق كېتىدىغان شالنىمۇ نەچچە يۈز مولاپ بىمالال تېرىپ پايدا ئالالايدىكەن. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەجەبلەندۈرگەن ۋە غەزەپلەندۈرگەن.
خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زور تۈركۈمدە يەرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى، ئۇلارنىڭ يەر لىرىدىن ئايرىلىپ، كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىكەنلىكى مەلۇم. خىتاي تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى چاغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم پەقەت خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن-ل1133 نومۇرلۇق پويىزدىلا 2100 نەپەر خىتاي ئىشلەمچى يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا دېھقانچىلىق قىلماقچىكەن.
يېرىدىن ئايرىلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان بىر دېھقان، دېھقانچىلىققا قىلىشقا كەلگەن خىتايلارنىڭ يەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئەڭ كۆپ يېرى بارلىرىنىڭ يېرى 25 مو دىن ئاشمايدۇ، خىتايلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 200-300 مودىن يېرى بار.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىن يۆتكەپ چىققان خىتايلارنىڭ دېھقانچىلىققا سالىدىغان پۈتۈن مەبلىغىنى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان چىقىملىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ياردەم بەرمەيدىكەن.
نەتىجىدە، ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىدەك خالىغانچە يەرلەرنى ئىگىلەپ ئېچىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ قولىدىكى يەرنىمۇ تېرىشقا ئامالسىز قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوچۇق ئاشكارا كەمسىتىش مۇئامىلىسى قوللىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، ياكى كېسىۋېتىپ ئۇلارنى يەرلىرىنى تېرىيالماي تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.
يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ قولىدىكى يەرنىمۇ ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇرۇن شال تېرىيدىغان يەرلىرىمىز بار ئىدى. سۇ بەرمىگەچكە ئۇ يەرلەرنى تېرىيالماي تاشلىنىپ قالدى. خىتايلار ئۇ يەرلەرنىڭ تۆت ئەتراپىغا قورشاپ كېلىپ شال تېرىۋاتىدۇ. ئۇلارغا سۇ بار، بىزگە يوق.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىلغاندىن باشقا شەھەر قۇرۇلۇشى چۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شەھەرلەشتۈرۈپ، بىنا ياكى دۇكان سېلىپ پايدىلىنىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، سېتىشقا مەجبۇر بولغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىرى دېھقان بۇ يەرنى پايدىلىنالمىغان بىلەن خىتايلارنىڭ پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.