خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى پىلانلىق يۆتكەش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قاتلىمىدا كۆرۈنەرلىك پەرقلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەقتىكى ستاتىستىكىلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشى نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگىچە بېرىپ تاقىشىدىغان بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلدى. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش قەدىمىنى تېزلاشتۇرۇش، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىدىن پەيدا بولغان نارازىلىق تۈپەيلىدىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ تېز قەدەم بىلەن ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2011-يىلىدىن باشلاپ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى يولغا قويدى ۋە «شىنجاڭغا كەلسەڭلا، شىنجاڭلىق بولىسەن» دەپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئوچۇق -ئاشكارا كۆچمەن چاقىردى. «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» گە ئىگە بولغان كۆچمەنلەر يەرلىكتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىدىن ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈشتىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل ۋاسىتە ۋە ناملار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئېلان قىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خىتايلار نوپۇسى 8 مىليون 746 مىڭ كىشىگە يېتىپ، رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40.1% ئىنى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 13 مىليون 67 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 59.9% نى ئىگىلىگەن. ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېنىق بېرىلمىگەن ئىدى.
ستاتىستىكا نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10% كىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ بولغانلىقى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. ئەمما ستاتىستىكا نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۇيغۇر، خىتاي نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە پەرقلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۈگۈن ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 32. 13 پىرسەنت بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكىدىن تۆۋەنلىگەن. ئەمما كۆچمەن كۆچۈرۈشكە ئوخشاش يوللار ئارقىلىق بولىدىغان سۈنئىي كۆپىيىش نىسبىتى بولسا ئاشقان. 2011-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئاتۇشقا يەرلەشكەن كۆچمەن سانى 7373 بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ قىزىلسۇنىڭ نوپۇسىنىڭ ئارتىشىدىكى ھەسسىسى 50 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
قىزىلسۇ نوپۇسىنىڭ 64 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرماقتا. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ مەسىلىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋاللىقىنى ۋە بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە ئەسكەرتىشىچە، ئاتۇشقا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەنلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى كۆچمەنلەر يۈزگىمۇ يەتمەيدىكەن، يەنى بۇ كۆچمەن نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەردىن تەشكىل تاپقان دېيىشكە بولىدىكەن. سەمەت ئابلا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن ئۇيغۇرلار زىچ رايونلاردىكى نوپۇس قاتلىمىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈلۈك مونوپول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-يىلى مايدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرگە بۆلۈپ بېرىلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىگە ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىندى. ئەمما بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار نەپ ئالالمىدى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن ئېقىنىغا ئۇچرىدى، ياشاش ئىمكانلىرى تېخىمۇ تارايدى. خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىللىق 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلەر بويىچە ياردەم قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندا، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مەسىلە، ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.