خىتاي كۆچمەن نوپۇسلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە يۇقىرى تۇرمۇش ئىمتىيازلىرى بىلەن كەلمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندا، خىتاينىڭ سىنا بلوگىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەن ئاھالىلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدە تېرىلغۇ يەر، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، ھەقسىز مائارىپ قاتارلىق زور ئىمتىيازلارنى بېرىپ يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندەك كىشىنى قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا سولىۋالغان بىر پەيتتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆچمەن يۆتكەشنىڭ تېزلەشتۈرۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ سىنا تورىدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشى دېگەن ئىنتايىن نامرات بىر يېزىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلگەن ۋە ئۇ يەردە تەييار ئۆي-زېمىن، تېرىلغۇ يەر ۋە باشقا ئىمتىيازلارغا ئېرىشىپ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بىر خىتاي ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان رەسىملىك خەۋەر ئېلان قىلىندى. سىنا تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 8‏-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى بىڭتۇەن 50‏-پولكىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بىر خىتاي دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەقسىز 70 مو تېرىلغۇ يەر، يېڭى سېلىنغان قورۇ-جايغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇنىڭغا يەنە زۆرۈر ئائىلە جاھازلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەقسىز تولۇقلاپ بېرىلگەنلىكى، بالىسىنىڭ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ بۇ خەۋەرنى يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ بېرىشقا قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتى بىلەن ئېلان قىلغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر ئوخشاش ۋاقىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ زېمىندىن سۈپۈرۈپ تاشلاش مەقسىتىنىڭ ئىنتايىن روشەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىنا تور بېتىدىكى يۇقىرىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى دېۋىزىيە، پولكلىرىغا ئىچكىرىدىن خىتاي دېھقانلىرىنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسىنى يولغا قويغان. مەزكۇر پروگرامما نىشانلىق ھالدا گەنسۇنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنى يۆتكەشكە قارىتىلغان بولۇپ، پروگراممىغا ئاساسەن خىتاي دېھقانلىرى ئۇيغۇر رايونىغا پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە كۆلەملىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى 1950-يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە بۇ پەرقنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «سىنادىكى بۇ خەۋەردىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن كۆچۈرۈش سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق. ئەلۋەتتە بۇ سىياسەتمۇ خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ يۈرگۈزۈپ كەلگەن نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ داۋامى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، بىر ياقتىن خىتاي كۆچمەنلەرنى بۇنداق ياخشى ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلىشى ئارىسىدا ئىنتايىن زور پەرقلىق مۇئامىلە بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھازىرقىدەك بىر مىليونغا يېقىن كىشى ئۇيغۇر ئېلىدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولانغان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.»

تېخى بۇ يىل 2-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاست مىقياسىدا جەمئىي 4 مىليون 47 مىڭ مو يەرنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن تەقسىملەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. مەزكۇر خەۋەردە بۇ سىياسەت «شۇ جايلاردىكى يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» ۋە «نامراتلىقنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 1950‏-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان «يەر ئىسلاھاتى» دا تېرىلغۇ يەرلەر نامدا بايلارنىڭ قولىدىن نامراتلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ماھىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ قولىغا، يەنى دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىگىسى بولغان خىتاي مىللىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئارقىدىن يەنە، بۇ يىل 4-ئايدا «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، تارىم بوستانلىقىدىكى يېڭىدىن بەرپا بولغان تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا قوشنا بىڭتۇئەنلەردىكى خىتايلار ئارىسىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 12-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇشبۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىرنەچچە مودىنلا يەرلىرى بولۇپ، يېرى ئاز ئۇيغۇر دېھقانلىرى «كۆپ مىقداردا تېرىلغۇ يەر بېرىلىدۇ» دېگەن نام ئاستىدا قوشنا «بىڭتۇەن» روتىلىرىدىكى يەرلەرنى تېرىشقا يۆتكەلگەن. ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى يۇقىرىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىنا تور بېتىدىكى بۇ گەنسۇلۇق خىتاي دېھقانلىرىنىڭ تۇمشۇققا 70 مو يەر ھەدىيە قىلىنىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ب د ت نىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلماقتا. بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئىش تېپىشى، يەرگە ئېرىشىشى ۋە ياكى قەرز ئېلىشى قاتارلىقلار ئىنتايىن قېيىن بولۇش بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈپ كېلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا سۆز ئىگىسى بولالمايۋاتىدۇ. ئۈچىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن بىۋاسىتە ھالدا سىياسەت چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىش مەقسەت قىلىنغان سىياسەتلىرىنى مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا. مانا بۇلار ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا».

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلارنى بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ كېڭىيىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ 4 مىليون مودىن ئارتۇق يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى قايتا تەقسىم قىلىش نىشانىنىڭ تەركىبىدە ئەنە شۇ گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىشنىڭمۇ بارلىقى سىنا تورىدىكى خەۋەردىن ئاشكارىلاندى. خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زور مىقداردا يەرگە ئىگە بولۇشى، يەنى يەر ھۆددىگە ئېلىشىنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن قوللاش ئىلىگىرىدىن مەۋجۇت بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ يېقىنقى بىر سانىدا، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى لەڭگەر كەنتىگە 2012-يىلى كەلگەن بىر خىتاي دېھقاننىڭ بۇ كەنتتىكى 700 مو باغلىق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، يەر ئىگىسى ۋە بۇ جايدىكى بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىمۇ خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ۋەھالەنكى، 2018-يىلى، يەرلەرنى ئېنىقلاپ، مۇسادىرە قىلىپ، يېرى يوق ياكى ئاز كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىش خىزمىتىدە مەزكۇر خىتاي دېھقاننىڭ 700 مو يېرىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم. بۇ يەرلەر قايتۇرۇۋېلىنغان 4 مىليون 47 مىڭ مو يەرنىڭ قاتارىغا كىرمىگەن.

دەرۋەقە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدا نوپۇس جەھەتتە تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئازلىتىش، ئۇلارنى ياشاۋاتقان يەرلىرىدىن يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ماكانلىرىغا خىتاي نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاخىرىدا قەدەممۇ-قەدەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

يېقىندا، ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنۋرېسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ھەققىدىكى خىتابنامىسىدە بېكىتىلگەن ماددىلارغا ئاساسەن، بىر مىللەتكە پەقەت كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشلا ئەمەس، ھالبۇكى شۇ خەلققە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، يەرلىك خەلقلەر مۇنبىرى ۋە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە جازالاش مەسىلىلىرى ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتە قىلىشقا يېتەرلىك ئاساسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.