خىتاي كۆچمەن: «ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىدە مەسىلە بار»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.10.20
xoten-qash-teshi-305.jpg خوتەندىكى كىچىك قاش تېشى بازىرى. 2010-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

5-ئىيۇل ۋەقەسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي سىياسىتىنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، كۆچمەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر مىللىي زىددىيەتنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئېنىق ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىي توقۇنۇشلار، قارشىلىقلار بولسا ھەسسىلەپ كۈچىيىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشمەكتە. مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئۈمىدىنى ئۈزگەن بەزى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ توپ-توپ يۇرتىغا قايتىشىغا سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم، ئۇنداقتا، جېنىنى تىكىپ داۋاملىق ئۇيغۇر ئېلىدا قېلىشقا مەجبۇر بولغان خىتاي كۆچمەنلەر نېمىنى ئويلايدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندە ئۆزىنى «شىنجاڭلىق»سانايدىغان بىر خىتاي قاشتېشى سودىگىرى «ھازىر مەن شىنجاڭنى يۇرتۇمدەك، ئۇيغۇرلارنى دوستۇمدەك ھېس قىلالمايدىغان بوپ قالدىم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەت ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى سەۋەب بولدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئاتا-بوۋىلىرىنى مىنگو دەۋرىدىلا خېنەندىن خوتەنگە كۆچۈپ كەلگەن دەپ تونۇشتۇرغان ياڭ فامىلىلىك قاشتېشى سودىگىرى، خوتەندە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ چوڭ بولغاچقا، ئۆزىنى «شىنجاڭلىق»دەپ سانايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلىرى بارلىقىنى، ئەمما 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، شىنجاڭنى يۇرتىدەك ھېس قىلمايدىغان بولغانلىقىنى، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگىنىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي يەنە «ئىلگىرىكى ۋەزىيەت بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ پەرقى ھەققىدە توختىلىپ «دۆلەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئويلىمايۋاتىدۇ، بىز بۇ جايدا جۇڭگولۇق، ئەمما ھەقىقىي شىنجاڭلىق ئەمەس. قاراپ بېقىڭ ھازىر، يولدىمۇ قاچان بىرى كېلىپ پىچاق سالاركىن دەپ ئەندىشىدە يۈرەكلىك ماڭالمايدىغان، ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇلارغا دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتى سەۋەب. بىز خىتايلار نەچچە مىليارد تۇرساق، ئەسلى تۈكۈرۈپ قويساقمۇ ئۇيغۇرلارنى كۆمىۋېتەلەيمىز، ئەمما ھۆكۈمەت قاتتىق باستۇرۇپ، قىرىپ بۇ ھالەتكە ئەپكېلىپ قويدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بۇ ھالغا كېلىشىدە قارشىلىقلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە، نۇرغۇن بىگۇناھ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدەك خاتا بولغان باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭلا خاتا ئەمەستە، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا ئەمەس جايلىرى بار، ئەگەر توغرا بولغان بولسا بۇنچىلىك كۆپ ئىشمۇ چىقمىغان بولاتتى. بۇرۇن بۇ جاي بەك ياخشىتى، ھازىرقى ۋەزىيەت پۈتۈنلەي باشقىچە، چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ، شۇڭا سىياسەتتە چوقۇم خاتالىق بار.»

شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئۆزىگە ئوخشاش سىياسىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان «شىنجاڭلىق» خىتايلارنىڭ نەزىرىدە، بۇ خىتايمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ئەندىشىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ ئاجىزلاپ كېتىشى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى مۇستەقىل بولسا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئايرىم دۆلەت بولسا، تىبەتلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئايرىلىپ چىقسا، خىتاي پارچىلىنىپ ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولالماسلىقىدىن، ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خىتاي، «ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 90% تىن ئاشىدۇ. ئەمما، ھەممىسى دېگۈدەك نامرات. ئۇيغۇرلار ئەسلى تارىخى ئۇزۇن مىللەت، ئۇلار چىن سۇلالىسىدىن باشلاپلا مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىپ كەلگەن. ئۇلار نېمىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى باردە، ھەتتا ھازىر تارىخنىمۇ ھۆكۈمەت يېزىپ بەرگەن، تىلى ئۆزىنىڭ ئەمەس، ھەتتا ئىسمىنىمۇ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ قويسا، خەۋەرلەرمۇ خىتاي يېزىقىدا، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئويلىغاندا ئۇلار ھەقلىق بولۇپ قالىدۇ-دە» دېدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا يۇرتىغا قايتىپ كەتمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «بىز بۇ جايدا نەچچە ئەۋلاد ياشىدۇق، خوتەن قاشتېشىنى سېتىپ باي بولدۇق. شىنجاڭ ھەممە ئادەم كېلىشنى خالايدىغان ياخشى جاي ئىدى دېمىسىمۇ بۇ جايدىكى ياخشى سىياسەتلەرنى، ئەرزانچىلىقنى ئىچكىرىنىڭ ھېچقانداق جايىدا تاپالمايمىز. ئەمما ھازىر بىزمۇ ياشالماس بولۇپ قالدۇق، يېقىنقى 28-ئىيۇل ۋە 22-سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن، كۇلىيلىقلارنىڭ يېرىمىدەكى قېچىپ كەتتى، مېنىڭمۇ يەكەندە بىر دوستۇم بار ئىدى، يەكەندىكى ۋەقەدىن كېيىن بالا-چاقىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. مەنمۇ كېتەي دېسەم، ھېچقانداق جاي شىنجاڭغا يەتمەيدۇ، شىنجاڭدا بىر يىلدا تاپقان پۇلۇمنى ئىچكىرىدە بىر ئايدىلا خەجلەپ تۈگىتىشىمىز مۇمكىن، ئۇ جايلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى بەك يۇقىرى، ھېچقانداق جاي شىنجاڭدەك كەڭرى ئەمەس. بىزگە بۇ قالايمىقان ئىشلارنىڭ تەسىرى بەك ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.»

ئۆزىنىڭ سىياسەتكە قىزىقىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ياڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي، ھازىرقى شىنجاڭ جۈملىدىن جۇڭگودىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي دېموكراتىيىلىشىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى «خىتاي كومپارتىيىسى جۇڭگونى نەچچە ئون يىل باشقۇرۇپ كۆردى، قانچىلىك باشقۇرغىنىنىمۇ كۆرۈپ يەتتۇق، بىزمۇ پارتىيە ئەزاسى، بىزمۇ بىلىمىز، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭگومۇ ئۆزگىرىشى كېرەك. ئەمدى سىياسىي تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش ياسىمىسىمۇ بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى، چەتئەللەردەك دېموكراتىيىلىشىپ، گومىنداڭنى باشلاپ ئەكېلىپ، سىياسىتىنى كەڭرەك قويۇپ بەرسە، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، گومىنداڭ رەھبەرلىرى كومپارتىيە رەھبەرلىرىدەك ناچار ۋە پارىخور ئەمەس، ھەر قاندىقى كومپارتىيە كادىرلىرىدىن ئىستىلدا پاك ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان. سىياسىي تۈزۈلمىسى كومپارتىيەنىڭكىدىن جىق ئەلا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.