تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى: «خىتاي ھازىرچە شىنجاڭدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈشنى تاللىدى»
2018.09.24
ئامېرىكىدا نەشىردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا 19-سېنتەبىر كۈنى «خىتاي شىنجاڭدا ھازىرچە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈشنى تاللىدى» ماۋزۇسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كەيت كرونىن فىرمېن تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ ماھىيىتى ۋە يۈز بەرگۈسى ئېھتىماللىقلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىن ھازىرغىچە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنىڭ جەريانلىرىدىن قارىغاندا بىر مىللەت ياكى گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئادەتتە بىر -بىرىنى ياندىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنى تامامەن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە لاگېردىكىلەرنى قىيىن -قىستاققا ئېلىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ كاتېگورىيەگە كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەنلىك مەلۇم بىر گۇرۇپپا كىشىلىرىنى بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، ئانا تىل ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇش، مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، مەكتەپلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دىنى قۇرۇلۇشلار ياكى كونا تارىخى جايلارنى يوقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت. خەلقئارا قانۇنلاردا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى رەسمىي بىر جىنايەت دەپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان يۇقىرىدىكى ئامىللار داۋاملىق ھالدا زور كۆلەملىك جىسمانىي زوراۋانلىق، قەتلى قىلىش بىلەن بىللە يۈز بېرىدىكەن ياكى شۇ بولغۇسى قىرغىنچىلىقتىن بىشارەت بېرىدىكەن. ئاپتور بۇنىڭغا بىرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلىدە يىللاردىن بېرى روھىنگالارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن داۋام قىلىپ كەلگەن ھەرىكەتلىرنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئاپتور يەنە ھازىر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىنلىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئوخشاش كۆز قاراش ئىلگىرى ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس، لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. رايان سام ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا قىلغان سۆزىدە لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلەپ سېلىۋاتقانلىقىنى، تارىختا يۈز بەرگەن ئوخشاش ۋەقەلەرگە ئاساسلانغاندا بۇنداق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىدا «بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس» دېگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە يۇقىرىقىدەك تېمىلارنى كۆرگىنىڭىزدە بىر بولسا ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىسىز. يەنى بۇ لاگېرلاردا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ چۆچۈتەرلىك. ئەمما يەنە بىر قىسىملار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىشى مۇمكىن. ئەمما بىز قارايدىغان بولساق شىنجاڭنىڭ تارىخىنى، ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئوخشاش پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى تارىخشۇناس رايان سام ئەپەندى بولسا كېرەك. رايان سامغا ئوخشاش نوپۇزلۇق كىشىلەر بۇنداق سۆزلەرنى ئالدىراپلا، ئۆزىنىڭ گۇمانلىرىغا ئاساسەن دېمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان بۇ قانۇنسىز لاگېرلاردا نېمە بولۇۋاتقانلىقى بىزگە قاراڭغۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى لاگېرغا سولانغانلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىمىز بار دەپ قاراۋاتقان بىر شارائىتتا بىز نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىغا دىققەت قىلىشمىز ۋە يۇقىرىدىكىدەك سۆزلەرنى دىققەتكە ئېلىشىمىز كېرەك».
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي شىنجاڭدا ھازىرچە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈشنى تاللىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى ماقالىسى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەت يولنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، «ئادەتتە ئاجىز ئورۇندىكى ئاز سانلىقلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى ۋە سىستېمىلاشقان بېسىم ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەملىك قەتلى قىلىش بولماي تۇرۇپ يۈرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. . . خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ھەرىكەت -ئۇلارنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنى نازارەت قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنى، كەڭ ئومۇملاشقان بىر مۇكەممەل ئىستىخبارات تورى شەكىللەندۈرۈشى، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەش ۋە ئىز قوغلاش ئۈچۈن كېرەك بولغان گېن ئۇچۇرىنى يىغىشى، ئۇلارنى سولايدىغان غايەت زور ساندىكى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان، تۇتقۇنلارنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈدىغان زور ئادەم كۈچىنى تەلەپ قىلىدىكەن، جۈملىدىن بىر ئىنساننى يوقىتىش يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىللىنىش ۋە زور ئىقتىسادىي مەنبە تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، ناتسىسلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلار ئۈچۈن يولغا قويغان لاگېرلارمۇ ئەنە شۇنداق يۇقىرى تەشكىلچانلىققا ئىگە بولغان، پىلانلىق تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن».
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنچە زور ئادەم چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي چىقىمغا قارىماي تۇرۇپ بۈگۈنكىدەك يولنى تاللىدى؟ ئاپتور بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرگەن: «كەڭ كۆلەملىك قەتلى قىلىش ياكى قىرغىن قىلىشنىڭ ئورنىغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش شۇ جىنايەتنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىشنىڭ چىقىمى ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولغان بىلەن ئۇنى يوشۇرۇپ قېلىش ئاسان. چۈنكى ئۇنىڭدا ساناقسىز مازارلار، ئىس -تۈتەكلەر بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناش ۋاسىتىسىنى قوللانغىلى ۋە ئۇنى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت دەپ ئاقلىغىلى بولىدۇ. زور ساندىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرى بولمىغۇچە خەلقئارامۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىغان بولغاچقا قاتىللارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىمۇ ئۇنچە ئېغىر زېدىلەنمەيدۇ. دېمەك، خەلقئارالىق دىنامىكا بۇنداق بولغان ئىكەن، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىستراتېگىيەنى تاللىۋېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس».
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىرغىنچىلىق باشلىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، پەقەت كەڭ كۆلەملىك بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا دىققەت تارتمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تارىختا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلارنىڭ قايتىلىنىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە دۇنيانىڭ كۈچلۈك تەرىقىدە ئارىلىشىشقا چاقىردى.
ئەمما ماقالە ئاپتورى كەيت كرونىن فىرمېن ماقالىسىدە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرچە لاگېرلاردا جىمجىت ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ھاكىمىيەتلەر زور قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ دىققەت تارتقاندىن كۆرە، زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان، ئەمما ئىشنى جىمجىتلا پۈتتۈرىدىغان لاگېرلارنى تاللىسىمۇ، بىراق ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ كېمىيىشى ئۇلارنىڭ دەرھال قارار ئۆزگەرتىشى، جۈملىدىن لاگېردىكىلەردىن بىراقلا «قۇتۇلۇش» قارارى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولالايدىكەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىللاردا ناتسىستلار ئارمىيەسىمۇ دەل كىرىم مەنبەسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرۈشنى تېزلەتكەن بولسا، بىرما ھۆكۈمىتىمۇ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىپ كەلگەن ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتا ئۈنۈملۈك بولمىدى، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتكەن.
ئاپتور مانا بۇ مىساللاردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە دۇنيانى تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرغان: «ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ئوخشاش ۋەقەلەر شىنجاڭدىكى ئىشلارنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە بىزگە سىگنال بەرمەكتە. خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقىمى ئىنتايىن ئېغىر يولنى تاللىۋالدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بەك قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا، ئۇلار ئۆز مەقسىتىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغان ئاسان يولنى --يەنى ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلىنىدىغان يولنى تاللىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇنيا دىققەت قىلمىغاچقا بۈگۈنكىدەك چېكىدىن ئاشقان ۋەزىيەت پەيدا بولغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكى يەنە ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.