توكيودا چاقىرىلغان خىتاي مەسىلىلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

5-نويابىر توكيودىكى تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان خىتاي مەسىلىلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، توكيودىكى تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان خىتاينىڭ قوشنا ئەللەرگە بولغان زېمىن كېڭەيمىچىلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان ۋە يىغىن جەريانىدا فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

يىغىن تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا تەخمىنەن ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋام قىلغان.

توكيودىكى تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تىن خۇئان تاڭ، فىلىپپىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن ھاررىي روكې، فرېدىلىك شاۋ قاتارلىق ئەربابلار ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تىن خۇئان تاڭ سۆز قىلىپ: «ۋىيېتنام، جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە يەنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. شۇڭا ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ بۇ رايوندىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىياغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى يۇقىرى ھەربىي تېخنىكا ۋە دېڭىز ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، «خىتاي دۆلىتى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى توغرىسىدىكى قارارىنى قىلچە كۆزگە ئىلمىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلغاندىن كېيىن، 12-ئىيۇل كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تارىخىي مەنبەلەردە قانۇنىي ھەققى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا سوتنىڭ فىلىپپىننىڭ ئەرزىگە ئاساسەن چىقارغان قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان فىلىپپىن پارلامېنت ئەزاسى ھاررىي روكې فىلىپپىننىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتە يەنى خىتاينىڭ فىلىپپىنغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا ئەلۋەتتە، ياپونىيە ۋە ۋىيېتنام بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ» دېگەن.

يىغىندا سۆزگە چىققان ياپون مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، قوشنا ئەللەرگە ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋىيېتنام، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يىغىن ئارىلىقىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاماكۇرا شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ئۇئېخاتا يىغىن ھەققىدە توختىلىپ:«ئاسىيانىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيە باشلىق ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەلۋەتتە، مەن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى پارلامېنتتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللاشقا تىرىشىمەن» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى فىلىپپىن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز-ئارا سۆھبەتتە بولغان.

يىغىندا يەنە، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى شياڭ لىن سۆز قىلىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسى ئاغدۇرۇلۇپ،خىتايدا كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت تۇرغۇزۇلغاندىلا ئاندىن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كۇرېتاكې ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىروسې يىغىن ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«يىغىندا ياپون خەلقىگە ئانچە ئايان بولمىغان خىتاينىڭ تەھدىتلىرى ھەققىدە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ناھايىتى ياخشى مەلۇماتلارنى بېرىپ ئۆتتى. شۇنداقلا يىغىندا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇھاكىمىلەر ئەلۋەتتە، ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆپ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى فۇجى گېنكى رىياسەتچىلىك قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.