خىتاينىڭ «ئىككى يىغىن» ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ پائالىيەت قىلىشىغا قارىتىلغان چەكلىمە كۈچەيتىلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى 5‏-مارت بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. يىغىن ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامانلىقنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك دائىرىلەر يۇرت ئاتلاپ پائالىيەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقلارنى كۈچەيتكەن.

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدە كۈچەيتىش بىلەن بىلەن بىرگە، غەربىي -شىمالدىكى چىڭخەي، نىڭشا، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە‏-ئاپتونوم رايونلاردا، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە قوشنا خېبېي قاتارلىق 6 ئۆلكىدە بىراقلا كۈچەيتىش قارار قىلىنغان. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا رايونلارغا كېڭەيتىپ، بىر تۇتاش تەدبىر ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى «تېررورلۇق» ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش بولۇپ، بۇ 2013‏-يىلى 28‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» غا ئوخشاش بىرەر ۋەقەنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

قەشقەر ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىنىڭ بىر يەرلىك ئامانلىق خادىمى، يېقىندىن بۇيان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، بىراق يېزا ئاھالىسىنىڭ يۇرت سىرتىغا چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇرت ۋە رايون ئاتلاپ سەپەر قىلغۇچى يېزا ئاھالىسىنىڭ ساقچى پونكىتىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى، بېرىش مەقسىتى ۋە نەدە تۇرىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ساقچىغا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بىراق، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يۇرت ئاتلاپ پائالىيەت قىلىشىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى ئامال بار سىرتقا چىقارماي ئۆز يۇرتىدا كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل قاتناش قۇلايسىزلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، پويىزدا سەپەر قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلۈپلا قالماي، يەرلىك ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ساقچى پونكىتلىرىنىڭ يول خېتى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى، يول خېتى يوق ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئامانلىق خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزا-كەنتلەردە يېقىندىن بۇيان يەنە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن. ئۇ، يېزا ئاتلاپ ناماز ئوقۇش پۈتۈنلەي چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق قاتتىق كونترول قىلىنىپ، يېزا ۋە يۇرت ئاتلاپ ناماز ئوقۇشى توغرا كەلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل تەدبىر ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەركىن سەپەر قىلىش، يۆتكىلىش ھوقۇقىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق.

ئۇ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىگە چاقىرىق قىلدى. دىلشات رىشىت، ئۇلارنى بىر قېتىم بولسىمۇ ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ «نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى» غا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇشقا چاقىردى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا، تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشى، ئۇنىڭ تەھدىت چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۇجۇم نوقۇل ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، تۇڭگانلارمۇ يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2013‏-يىلى 28‏-ئۆكتەبىر بىر ئائىلىلىك 3 ئۇيغۇرنىڭ بىر ئاپتوموبىلدا تيەنئەنمېن راۋىقىغا ھۇجۇم قىلىشى دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇمنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل چۈشەندۈرۈلۈش كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ خىل رادىكال ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەس، زىددىيەت ۋە نارازىلىقنى كۈچەيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئامانلىق ئورگانلىرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» غا ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچى «قۇلاقلار» غا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاندا كۆرسىتىشىچە، «قۇلاقلار» تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ قىممىتىگە قاراپ، 1000 يۈەندىن 40 مىڭغا يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 28‏-ئۆكتەبىر «تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى» دائىرىلەرنى چۆچۈتۈۋەتكەن ۋە ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان.