ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

0:00 / 0:00

دەلىللەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. رايوندىكى بىر قىسىم ئامما، رايوندىكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغان تەقىبلەش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدە 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن ياخشى ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراۋاتقانلىقىمۇ بىلىنمەكتە.

ئەمما، 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «تەرەققىياتقا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق» قا داۋاملىق زەربە بېرىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ قاتتىق ۋەزىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە 19 -قۇرۇلتايغا دائىر خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تۇرماق شى جىنپىڭنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋە ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن.

ئۇلار، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» دىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى» نى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، دەپ ۋەدە بېرىشكەن. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاتارىدا ئۆمەك باشلىقى چېن چۈەنگو ۋە ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا خەلقئارادىكى 200 دىن ئارتۇق مەتبۇئات ۋە 800دىن ئارتۇق ھەر خىل تىللىق مۇخبىرلار قاتناشقان ھەم يىغىن مۇزاكىرىلىرى دوكلاتلىرى پۈتۈنلەي ئاخباراتقا ئېچىۋېتىلگەن.
«خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان مائارىپ، داۋالاش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگىچە بولغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ماختاپ، خەلقنىڭ بۇ سىياسەتلەردىن خىتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئەسلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسى، جاي يېزىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ، يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجى ئالغان «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشنى باشلاپ بەرگەن شەخس ئىدى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى، مۇھىم سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ ھەل بولماي كەلگەن مەسىلىلەر ھەل بولدى» دەپ باھا بەرگەن شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ۋە رايوندىكى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى گەرچە رايوندىكى قازاق، قىرغىزغا ئوخشاش باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە بىر قەدەر يۇمشاق سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇردىن باشقا بۇ يەرلىك مىللەتلەرمۇ ئوخشاشلا رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى تەقىبلەش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. بىر قىسىم قازاق، قىرغىزلارنىڭمۇ ئوخشاشلا دىنىي، سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقى، ھەتتا قانۇنسىز ھالدا دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، دىنى ئېتىقادى، تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئوخشاش چەكلەشكە ئۇچراۋاتقان بۇ مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ، ئوخشاشلا ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋاللار ۋە خەلقىنىڭ دەردىنى ھەم تەلەپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاتمىغان.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە بۇ يىغىن پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ سۆزلىرىمۇ دىققەت تارتىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ۋەكىللەرگە ئوخشاشلا كومپارتىيەگە ساداقەتمەنلىكتىن باشقىنى ئىپادىلىمىگەنلىكىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى ئاتالمىش ۋەكىللەرنىڭ پەقەتلا كومپارتىيەگە سادىق كىشىلەر تاللىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان ئۆز خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى ئاڭلاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

قازاقىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاق پائالىيەتچى، ئۆزىنىڭ 19-قۇرۇلتاينى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بىر پارتىيە ھاكىمىيەت باشقۇرىدىغان سىستېمىسىنىڭ بارغانچە چېكىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىغا قازاقىستاندىمۇ زور قىزىقىش بولۇۋاتقان ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە يېقىنلىشىۋاتقان بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاقلارلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندىكى قازاقلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى، قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشىغا پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان قازاقلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاق ۋە باشقىلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قازاق زىيالىي يەنە، «19-قۇرۇلتايغا قاتناشقان قازاق ۋەكىللەر، قازاقلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاتمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغاندا، خىتاينىڭ رايوندا قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن قازاقىستاننى ۋە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك» دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى ئىلشات ھەسەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇم سىياسەتلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، ئاتالمىش پۇرسەتپەرەس ۋەكىللەرنىڭ يالغانلىرى ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دەپ بىلدۈردى.