خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى، خىتاي پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت يېڭىدىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىدىن يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئېلىشنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىغىندىن كېيىن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى ئېلان قىلماسلىقى، يىغىندىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىن زور ئۈمىد كۈتكۈچىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئاساسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار ئۆز قاراشلىرىدا، خىتاينىڭ يېڭىچە ئىسلاھات تەدبىرى ئالمىغانلىقىنى، خىتايدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ يەنىلا داۋاملىشىپ، دېموكراتىك ئىدىيىلەرگە قارىتىلغان تەقىب قىلىشلارنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئېچىلغان 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خەلق ئارزۇ قىلغان سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەدبىرى ئېلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مۇلاھىزىلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتايدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سادىق ئىجراچىسى بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ھۆكۈمەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى كۈتۈشنىڭ ئورۇنسىز ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كوممۇنىستلار ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە،18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا يېڭىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى باياناتچىسى چېن گاڭ 13-نويابىر كۈنى بۇ كومىتېت ھەققىدە توختىلىپ،«دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇشتىكى نىشان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى قۇرۇشى، تېررورچىلارنى، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىي كۈچلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى» دېگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئېلشات ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇشتىكى نىشانى ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن ئايانكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقچى، ئۇيغۇر خەلقى خىتاي باياناتچىسى چەن گاڭنىڭ سۆزلىرىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئاتالمىش ئۇچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش باھانىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسكەنجىگە ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۇيغۇر خەلقىمۇ ھەم خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىغا تەييارلىنىپ بولدى. بېسىۋېلىنغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى تېررورچىلار، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىي كۈچلەر دەپ ئاتاۋاتقان كۈچ يوق، بەلكى زۇلۇمغا، ئىشغالغا، خورلۇققا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن، ئەركىنلىك ئادالەت ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچ، يەنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بار. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىمەن دېگىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە زەربە بېرىمەن دېگىنىدۇر!