خىتاي سىياسىي كېڭەش دىنىي-مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېىچۈن، چارشەنبە كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە غەرب ھامان بىر كۈنى خىتاينىڭ بۇ ئىككى مەسىلىدىكى مەيدانىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بىراق، جۇ ۋېيچۈننىڭ سۆزى غەرب كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
جۇ ۋېيچۈن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نۇقتىئىنەزىرى غەربنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنى يېڭىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ۋاقىت خىتاينىڭ تەرىپىدە ئىكەنلىكى»، غەربنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پىكرىنى دىققەتكە ئالماسلىقنى تەكىتلىگەن.
جۇ ۋېيچۈن ئىلگىرى ئۇزۇن يىل خىتاي كومپارتىيىسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان تىنچلىق سۆھبىتىگە باشچىلىق قىلغان.
ئۇنىڭ ماقالىسى ئۇيغۇر ئېلىدە قانلىق توقۇنۇشلار كۈچىيىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ھازىر خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ھوقۇقىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان جۇ ۋېيچۈن يەنە، غەربنىڭ ھامان بىر كۈنى خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ ئارىلىشىشى، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ غەربلىكلەر شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ رېئاللىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىدۇ، دېگەن. بىراق ئۇ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنىڭ قانداق رېئاللىق ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرمىگەن.
جۇ ۋېيچۈننىڭ ماقالىسى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىدى. خەتەر ئاستىدىكى خەلق ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ قارىشىچە، جۇ ۋېيچۈن مەسىلىنى مەغلۇبىيەت -غالىبىيەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە كىمنىڭ كىمنى يېڭىشى ئەمەس، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدۇر.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن بۇ ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرىدا غەرب خىتايغا قارشى ياكى خىتاي غەربكە قارشى غەلىبە قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلە. ئەگەر ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرمىسە ياكى ياخشىلىمىسا، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ زور زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ئۇرۇشتا كىمنىڭ غەلىبە قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. چۈنكى بىز ئۇرۇش قىلمايۋاتىمىز ياكى بىز جامائەت پىكرى توپلاش كۈرىشى قىلمايۋاتىمىز. بىز ئۇنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، تىبەت شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە ئاساسى قانۇنىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلمىسا ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلمىسا، ھەر ئىككى خەلقنىڭ ئۈمىدى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ، بۇ زوراۋانلىق ۋە مىللىي جىددىيلىكنى كۈچەيتىدۇ. ئۆز ئارا قارشىلىق ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدۇ. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرمۇ بۇنىڭغا قىزىقمايدۇ.
جۇ ۋېيچۈن، خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزىرى ھازىر غەرب ئەللىرىدە ئاجىز ئورۇندا بولسىمۇ ۋە قىسمەنلىكنى تەشكىل قىلسىمۇ، بىراق ئۇ «تارىخنىڭ ئېقىمى» غا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەرب ئاخىرى دالاي گۇرۇھى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇپ يېتىدۇ، دېگەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت، مۇرەككەپ ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ۋە سەۋرچانلىق قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ، بىراق ۋاقىت خىتاينىڭ تەرىپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ مەسىلىسىدىكى نۇقتىئىنەزىرى تارىخىي ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغان بولسا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدەك بولمايتتى.
ئۇ: ئۇنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭدا ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىشنىڭ يوقلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى بىپەرۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كومپارتىيە دۆلەت قۇرغاندا ماركسىزىم-لېنىنىزىملىق مىللىي سىياسەت يولغا قويغان. ئۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، مىللىي مۇناسىۋەتلەردە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن. بۇ ھەتتا جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ قانۇنىدىكى ۋەدىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى يوشۇرالماس بولۇپ قالدى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە تارىخىي ئېقىم دەل ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى ۋە سىياسىتىنىڭ تەتۈرىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار تارىخىي ئېقىمغا بويلاپ ماڭغان بولسا، ئۇ ھازىرقىدەك بولمايتتى. ھەقىقەت ئالدىدا مەردانە تۇرغان بولاتتى، دەپ كۆرسەتتى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپلا قالمايدۇ، بەلكى كومپارتىيەنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كەلگۈسىدە شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى مىللىي سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى قويۇپ تۇرايلى، كومپارتىيەنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگىرىدۇ. مانا بۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى، بىر خىل يۆلىنىشتۇر. تارىخىي بۇ يولنى تاللايدۇ. يەنە بىر جەھەتتە مەن جۇ ۋېيچۈننىڭ بۇنداق دېيىشىگە ئەجەبلىنىپ كىيمەيمەن. مېنىڭچە بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى كومپارتىيە ھاكىمىيەت سوراۋاتقانغا 60 نەچچە يىل بولدى. شىنجاڭدا زوراۋانلىق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانغىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى. جۇ ۋېيچۈننىڭ ئۆزى بۇ خىل زوراۋانلىق سىياسىتىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن مەنپەئەت گۇرۇھىغا مەنسۇپ. بۇ سىياسەت بىر تۈركۈم ئادەملەرنى بېقىۋاتىدۇ. كومپارتىيە ئىچىدىكى بەزى ئاقىللار بۇ سىياسەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، خاتالىقى ۋە جىنايەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بىز جۇڭگودىكى تورلارنىڭ ئۆزىدە كومپارتىيەنىڭ ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭ مەسىلىسىگە قانداق قول تىقىپ، سوۋېت بىلەن سودىلىشىدىغان بازىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ رەسۋاچىلىقىنى كومپارتىيە ئىچىدىكى كىشىلەر پاش قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى ھاكىمىيەت ئىچىدىكى دەۋر ئېقىمىنى كۆرۈپ يەتكەن ئاقىللارنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىشكە ئۇرۇنۇپ، جۇ ۋېيچۈنگە ئوخشاش كىشىلەر قوغداپ كەلگەن نەرسىنى پاش قىلىۋاتقانلىقى، ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنى تەربىيىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ قارىشىچە، جۇ ۋېيچۈننىڭ «غەرب ئاخىرى شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ رېئاللىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ» دېگەن سۆزى ئېزىتقۇلۇققا ئىگە. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ۋەزىيەتنى ئىجتىمائىي، سىياسىي جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. لېكىن بىزنىڭ ئالغان تەسىراتىمىز پەرقلىق. بىز ئىچكى موڭغۇل، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىدۇق، دەپ كۆرسەتتى.
دېلىئۇس ئەپەندى، يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھازىرقى مىللىي سىياسىتى ئۆزگەرتمەي داۋاملىق يولغا قويسا، بۇنىڭ توقۇنۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى، بىراق توقۇنۇش كۈچەيسە، كومپارتىيە ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.