ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە

0:00 / 0:00

قەشقەر شەھەرلىك كۇتۇپخانا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنى پۈتۈن دۇنيادا خانىم-قىزلار بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى تەكىتلىنىۋاتقان بىر كۈندە ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رومال ئارتقان، چۈمبەل تاقىغان، ياغلىق چەككەن ئاياللارنىڭ كۇتۇپخانىغا كىرىشىنى مەن’ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇشىنى چەكلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رومال ئارتىشىنى، ھەتتا ياغلىق چىگىشىنى مېنى قىلىش پەرمانلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ساداقىتىگە قىلىنغان بۇ زۇلۇمدىن غەزەپلەنگەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى زورلۇق ھەم ھاقارەت تۈسىنى ئالغان پەرمان، بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

باش شتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راھىلە خانىم قەشقەر شەھەرلىك كۇتۇپخانا چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن ئاچچىقتىن ھاياجانلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە خورلۇق تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل تۈزۈملەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەقىدىسىنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمرانى جاڭ چۈنشيەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرى ئاستىدا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇشىنى چەكلەش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندەك قىلغان بولسىمۇ، بۇ پەرمان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقال قويغان، رومال ئارتقان كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلماسلىق، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزمەسلىكتەك يەرلىك تۈزۈملەر پەيدا بولۇپ، خەلقنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغىغان ئىدى. قەشقەر شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان بىر شەھەردە دىنىي ۋە مىللىي پاسوندا ياسانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۇتۇپخانىغا كىرگۈزمەسلىك بەلگىلىمىسىنىڭمۇ نارازىلىق پەيدا قىلىشى ئېنىق.