پاترىك مېيېر: «خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرىشى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرماقتا»

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يېڭى ئامېرىكا فوندى» ئورۇنلاشتۇرغان ئاممىۋى سىياسەتكە دائىر لېكسىيەدە تەتقىقاتچى پاترىك مېيېر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى رادىكال قىلىۋەتكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

8-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يېڭى ئامېرىكا فوندى» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تىرىشچانلىقلىرى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىۋاتامدۇ؟» ناملىق لېكسىيىدە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس پاترىك مېيېر مەخسۇس دوكلات بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا ئۆتكەن ئاتمىش يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ئارزۇسىدا ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئارزۇنى بوغۇپ تاشلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ناملاردا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ئالاھىدە قىلىپ يېقىنقى يىگىرمە يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيلى سان ياكى كۆلەم جەھەتتە بولسۇن ئوخشاشلا ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بولسا 1990-يىللاردىكى يۇمشاق سىياسەت باسقۇچىدىن ھازىر قاتتىق قوللۇق تەدبىرلەر باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز قارىشىنى مۇنداق دەپ ئىپادىلىدى.

«شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، ئۇيغۇرلارمۇ «ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئائىلىسى» نىڭ بىر ئەزاسى بولدى، ئۇلارنىڭ تارىخىمۇ خىتاي تارىخىغا مەنسۇپ قىلىندى. 1952-يىلىدىكى بۇ بىر پارچە تەشۋىقات رەسىمىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارشى چىقىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن: مۇستەھكەم يىلتىز تارتقان ھەمدە سانجاق-سانجاق مېۋە تۇتقان بۇ زور دەرەخ خىتاينىڭ سىمۋولى، بۇ زور دەرەختىكى مۇنۇ بىر شاخ بولسا شىنجاڭنىڭ سىمۋولى؛ ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر توپ كىشىلەر، يەنى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ شاخنى دەرەختىن يۇلۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى مۇشۇ زور دەرەختىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش خاھىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بۇ جاينى "شىنجاڭ" دېمەيدۇ، ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «ئۇيغۇرىستان» دېگەندەك باشقىچە ناملاردا ئاتايدۇ. شىنجاڭدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى خۇلاسىلىگەندە، داۋالغۇۋاتقان ۋەزىيەت، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە 1990-يىللىرى دەسلەپ بولۇپ سىياسىي، ئىدىيىۋى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خۇددى شۇ ۋەقەلەرنى كۆپىنچە دېگۈدەك جىنايى قىلمىشلار، زورلۇق ھەرىكەتلىرى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى دېگەندەك شەكىلدە تەسۋىرلەپ كەلگەن ئىدى. 2001- ۋە 2002-يىلىغا كەلگەندە بۇلار «ئۈچ خىل كۈچلەر»، يەنى تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە ئەسەبىي كۈچلەر دەپ ئاتالدى. 2009-يىلى بۇ چۈشەنچە مۇستەھكەملەندى. شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە مەۋجۇت ئەمەس. چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق قوشنا ئۆلكىلەردە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىدە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بۇنىڭغا ئائىت چەكلىمىلەر پەقەت شىنجاڭدىلا مەۋجۇت.»

لېكسىيە داۋامىدا پاترىك مېيېر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ خىلدىكى «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىياسىتى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» شوئارى ئاستىدىمۇ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى تەشۋىقاتتا ئۇيغۇرلار باشقىچە مۇئامىلىگە ئۇچراۋېتىپتۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى سەل نېرىدىكى مەسىلىلەرگە ئۆتسەك، خىتاي كومپارتىيىسىگە بۇ مەسىلىلەر بەش قولدەك ئايان. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ قولىمىزدىكى بۇ پاكىتتا تولۇق ئەكس ئېتىدۇ. بۇ رەسىمنى مەن بىرنەچچە ئاي ئاۋۋال بېيجىڭ ئايرودرومىدا تارتقان. بۇ رەسىم «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشۋىقاتى ئۈچۈن سىزىلغان. بۇ رەسىمدە ئىسلامى شەكىلدە چىرايلىق ھېجابلانغان بىر قىزنىڭ «قۇرئان» ئۆگىنىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شىنجاڭدا بۇ خىل رەسىم قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ. ئەمما ‍ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ بەلۋاغ تەشۋىقاتى ئۈچۈن بولسا كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر ئىجابىي شەيئىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بۇنى ئىجابىي، ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەمدە قوغداشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە سۈپىتىدە نامايان قىلغان. ئەگەر بۇ رەسىمنى شىنجاڭغا ئېلىپ بارسا، ئۇ كىشى ئۆزىنى شۇ ھامان تۈرمىدە كۆرىدۇ. خىتاينىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرى مۇشۇنداق بىر ‏-بىرىگە زىت. بۇ رەسىمنى بىز باياتىن كۆرگەن، بۇ رەسىم شىنجاڭدا تەشۋىق قىلىنغان. ماۋۇ رەسىم بولسا بېيجىڭ ئايرودرومىدا بىر بەلۋاغ بىر يول تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۆرسىتىلمەكتە.»

لېكسىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە پاترىك مەلۇم بىر خىتاي زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى رادىكاللىق ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى خاتالىقىدىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى: «ھەرقانداق شەيئىگە باھا بەرگەندە تارىخقا نەزەر سېلىشىمىز، ئۇنىڭ قانداق يوسۇندا روياپقا چىققانلىقىغا قارىشىمىز لازىم. ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردىن ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئۇنچە كۆپ ئەمەسلىكى، شۇنداقلا مەستلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە مۇشۇ زالدىكى ئۇيغۇرلارمۇ مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ياكى ئەركىن يۆتكىلىشىنى تەقىب قىلىدىغان تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا «رادىكال» لىشىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى. بىر كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش نورمال بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن رادىكاللىق ئەمەس. ناماز ئوقۇمايدىغانلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ نامازخانلىققا جۆر بولۇشى بەلكىم ئۇلارنىڭ تەقىب قىلىنغان مىللىي كىملىكىنى نامايىش قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بولسا كېرەك. 1980-يىللاردا دەرۋەقە نۇرغۇن مەسچىتلەر سېلىنغان، ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا شەھەرلىكلەر ئۇنچىلىك نامازخانلىق قىلىپ كەتمەيتتى، ئاياللارمۇ ئۇنچىلىك ھېجابلىنىپ يۈرمەيتتى. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇيغۇرلار «رادىكال» بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى «رادىكاللىققا قارشى» تەدبىر قوللىنىۋاتقىنى يوق، ئەكسىچە خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى رادىكال بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار «رادىكال» لىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ «رادىكاللىق» ئەمەس. بىر ئايالنى كوچىدا توسۇپلا بېشىدىكى ھېجابنى يۇلۇپ تاشلاش-ھازىر ئاشۇلار قىلىۋاتقان قىلىقنىڭ بىرى. ئەمما بۇنداق قىلمىش ئىنساننىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قانۇن، مۇكەممەل نىزام كېرەك. مەسىلەن، فىرانسىيەدە ھېجابلىق مەكتەپكە بېرىش چەكلەنگەن. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئوخشاشلا رەنجىدى. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ يۈگۈرۈپ چىقىپلا قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر ئۇيغۇرلار بىر يەرگە بارماقچى بولسا، پۈتكۈل مۇھىت ئۇلارنى رادىكاللىشىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكى، تېلېفونى تەكشۈرۈلىدۇ. خەۋىرىڭىز بار، ئەگەر ئۇيغۇرلار بېيجىڭغا بارسا تۇرىدىغانغا مېھمانخانا تاپالمايدۇ.»

پائالىيەت ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن غايەت زور كۈچ سەرپ قىلىپ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا دىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىۋېتىپتۇ.

پاترىك مېيېر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى بويىچە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ھازىر «يېڭى ئامېرىكا فوندى» نىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

پائالىيەتكە ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم خىتايلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى. «يېڭى ئامېرىكا فوندى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتېر بېرگېن لېكسىيىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.