پروفېسسور گراي: بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەت ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور گراي تۇتتلې يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «چەتئەل ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا «خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

پروفېسسور گراي ماقالىسىنىڭ «بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟» دېگەن بۆلىكىدە، ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن تەڭ، ھەر جەھەتتىن كۈچلەنگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى باستۇرۇش سىياسىتى يېڭى ئىش بولماستىن، ئەزەلدىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا: «خىتاي دۆلىتىدە ت ھەرپى بىلەن باشلانغان ‹ئۈچ ت› ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇلار تىبەت، تەيۋەن، تيەنئەنمېن ۋەقەسى قاتارلىقلار مەسىلىلەر بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز قىلىشى چەكلەنگەن» دەيدۇ.

‏- خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ‏- دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە،‏ - خىتايدا ھەمىشە تىبەتكە ئوخشاش باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا سۈركىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. چەتئەلدىكى خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزى ھۆكۈمەت يەنى بېيجىڭ يەرلىكلەرگە قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن بۇ خىلدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش كېلىپ چىققان.»

ماقالىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى يالغۇز خىتاينىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرگىمۇ ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، تىنچ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى تەرغىب قىلىۋاتقان، خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ئۇلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق تىنچ جەمئىيەت بەربا قىلىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور گراي ماقالىسىدە، خىتاي ئاھالىسىنىڭ 8% نى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى چاۋشيەن، موڭغۇل، تىبەت، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا، 120 مىليون نوپۇسنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئەمەسلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى بۇ مىللەتلەرنىڭ دەرىجە بويىچە ھېسابلىغاندا خىتاي مىللىتىدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك خىتاي پۇقرالىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتايدىكى ئاپتونوم رايون مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ئاپتور ماقالىسىدە: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە ئاپتونوم رايون ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا قىلچە ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە خىتايدىكى تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئوقۇش ۋە ساياھەتكە چىقىشتىن ئاۋۋال قانۇن ئورگانلىرى ئۇلارنى سوئال-سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەتكە بېرىش ھوقۇقىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ مېھمانخانىلاردا يېتىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، قاتناش ئۆتكەللىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن خىتاي مىللىتى ۋە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە ئىقتىسادشۇناس ئاندرېۋ فىسچېرنىڭ دېگەن تىبەت ھەققىدىكى: «تىبەتلىكلەر ئۆز يۇرتىدا ياخشى خىزمەت ۋە يۇقىرى مائاشلارغا ئىگە بولالمايدۇ. تىبەتتە بارلىق نەپگە ئېرىشىۋاتقانلار خىتايلاردۇر» باھاسىمۇ بېرىلگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خىتاي رەئىسلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلارغا يۈرگۈزگەن تۈرلۈك سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي رەئىسلىرى ئىچىدە خۇ ياۋباڭنىڭ ئاپتونوم رايونلارغا بىر قەدەر يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ياماگاجو خىتايدىكى ئاپتونوم رايونلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي دۆلىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان كەمسىتىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتسە، بۇ خىلدىكى ئەھۋال خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتايدىكى ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ھازىر ئەڭ قاتتىق بولۇۋاتىدۇ. يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر دېھقان،چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرى، باغلىرى، ئوتلاقلىرى مەجبۇرىي خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار قانلىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.