خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 9-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججىتى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا پاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دائىمىي مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان 7 تۈرلۈك ھادىسە «ئېغىر ئاپەت» سىگنالىنى چالدى.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 21-ئاۋغۇست كۈنى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن «خىتاينىڭ 9-نومۇرلۇق ھۆججىتى غەربنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تايانغان دېموكراتىيىسىنىڭ تەسىرىدە كومپارتىيىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا پاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 9-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئىچكى قىسىمدا تارقىتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرىدىكى يەتتە تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ «غەربنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تايانغان دېموكراتىيىسى» قاتارلىق 7 تۈرلۈك ئېقىمدىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكى، كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ئېغىر ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە مەركەزدە چاقىرىلغان ئىچكى يىغىندا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىپ، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى بۇ مەخپىي ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، مەزكۇر ھۆججەت شى جىنپىڭنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىچكى قىسىمغا تارقىتىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە غەربنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تايانغان دېموكراتىيىسىدىن سىرت، يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، كومپارتىيە تارىخىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ۋە يېڭىچە ئەركىنلىك ئېقىمى قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە ئومۇملاشقان يەتتە تۈرلۈك ئىدىيىۋى ئېقىم تىلغا ئېلىنغان. شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە قارىتا بەرگەن ئىچكى ئاگاھلاندۇرۇشىدا پارتىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئەندىشىلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى چېكىنىش، خەلقنىڭ چېرىكلىككە قارشى ئورتاق غەزەپ-نەپرەتلىرى، سىياسىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغۇچى دېموكراتىك ئېقىمنىڭ خىرىسلىرى، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ خەلقنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەبلەغلىرىنى تور بەتلەردە ئاشكارىلاش دولقۇنى قوزغىشى، ئاخباراتقا بولغان قامالغا قارشى چۇقانلار قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 9-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججىتىنىڭ، بۇندىن ئىلگىرى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە چۈشۈرگەن «يەتتىنى سۆزلىمەسلىك» پەرمانىغا ئۇيغۇنلۇقى تىلغا ئېلىنغان. فىرانسىيە سەرگي پونتوئىسە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي پروفېسسورى جاڭ لۈن يەتتىنى سۆزلىمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا 26-ئىيۇن كۈنى فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ پرىنسىپنىڭ خىتاينى زاۋاللىققا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ھازىر مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىكنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، خىتايلارنى ھالاكەت دېڭىزىغا باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يازما ھۆججەت شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئېغىزاكى بۇيرۇق ياكى تېلېفون يىغىنلىرىدىكى ئېغىز پەرمانى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، يەتتىنى سۆزلىمەسلىك پەرمانىغا ئوخشاش پەرمانلارنىڭ ئېغىز بۇيرۇقى بىلەن يىللاردىن بۇيان كەڭ ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدا ئېغىز پەرمانىغا تايانغان سىياسەتلەر يىللاردىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزىدە قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئۇ سۆزىدە، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ»، ساقال، رومال چەكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇ توغرىسىدا مەيلى خىتاي مەركىزىنىڭ، ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق يازما ھۆججىتى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاينىڭ يەتتىنى سۆزلىمەسلىك پەرمانىدا «ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك، ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك، پۇقرالار جەمئىيىتى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك، پۇقرالار ھوقۇقى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك، ھوقۇقدارلار كاپىتالىزمى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك ۋە كومپارتىيىنىڭ تارىخى خاتالىقى توغرىلىق سۆزلىمەسلىك» قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ پەرمان خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان.