خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بەك ئۈنۈمى كۆرۈلمەي كەلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاينىڭ جىددىي بىر سىياسىي ئىسلاھاتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەممە يەردە تىلغا ئېلىنسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە بۇ تېمىلاردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتايدا ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيىدىن سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، دۆلەتتە ئالدى بىلەن ئادالەتنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئادالەتنىڭ ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا تۈپتىن بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما سىياسىي ئىسلاھات قانداق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ نىشانى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى نېمە بولۇشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن يىلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى بەك كۆرۈلگىنى يوق. ھازىر خىتايدا يەر داۋالىرى، مۇھىت ۋە يېمەكلىككە تاقىشىدىغان مەسىلىلەر، ئەرزدارلار مەسىلىلىرىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نامايىش -توقۇنۇشلار كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرماقتا. خىتايدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ 2012-يىلى ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئايرىغان خامچوتىلا ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2012-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن 111 مىليارد دوللار ئاجراتقان بولۇپ، بۇ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىلغان راسخوتتىن 5 مىليارد دوللار ئوشۇق. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتتە ئادالەت سىستېمىسىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ بولالمىغانلىقىنىڭ بەدىلى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئوچۇق دېموكراتىيە تور بېتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى مۇقىملىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەتتە ئادالەتنى تۇرغۇزۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە گەرچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە مۇكەممەل ئادالەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر دۆلەتتە ئادالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىشى جەھەتتە ئەڭ ياخشى ئۆرنەكنى ياراتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئادالەت سىستېمىسىدىن تەجرىبە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا يەنە، ئادالەتنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا بىر ئورتاق زېمىن يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتايدىكى سىياسىي ئەنئەنىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىنتايىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەنە شۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەتلەردىن ھېچقانداق بىر پەرقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەتتە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە خەلقنىڭمۇ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسىدە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا ھازىر بارغانسېرى بېيىۋاتقان ئوتتۇرا كىرىم قاتلىمىدىكى كىشىلەردىن ئۈمىد كۈتمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى يېڭى ئەۋلاد بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار مائارىپ يۈزى كۆرگەن، قورسىقى تويغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىمۇ ئىلگىرىكىدىن جىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىقتىسادنى ياخشىلاش بىلەنلا قاندۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تارىختىن بۇيان ھەرقانداق دۆلەتتە دېموكراتىيىنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى خەلق دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەرنى باشلىغان. شۇڭا خىتايدىكى زورىيىۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام خەلقمۇ ئوخشاشلا خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچى بولىدۇ. ئۇنداقتا خىتايدا مانا مۇشۇنداق بىر كۈچكە ئىگە «ئوتتۇرا قاتلام» كىشىلىرى مەۋجۇتمۇ؟ خىتايدا شۇنداق بىر شارائىت پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئىسلاھاتنى ياقىلايدىغان كىشىلەر قاتلىمىنىڭ يېتىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېخى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك سەۋىيىگە ۋە سانغا يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوچۇق دېموكراتىيە تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىر مەيلى خىتاي ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار، كۆزەتكۈچىلەر بولسۇن قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسى بىلەن غەرب دەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. شۇڭا ئۇلار خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئادالەتنى كۆپ تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ھەممىنىڭ بىردەك ئادالەت تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندا ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەر كۈتۈلگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە قىسمەن بولسىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىشقان. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا شى جىنپىڭ كومپارتىيىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەينەن ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كومپارتىيىنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.