زۇبەيرە خانىم: خىتاي ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر ئايال كادىرلارنى «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» سىياسىتى ئۈچۈن تەييارلىماقتا

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى» تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 21-ئۆكتەبىر كۈنى 2014-يىللىق ئاساسىي قاتلام ئايال كادىرلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىننەتدارلىق تەربىيىسى كۇرسىنى باشلىغان بولۇپ، كۇرسقا 9 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىن جەمئىي يۈز نەپەر ئاساسىي قاتلام ئايال كادىر قاتناشتۇرۇلغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئايال كادىرلارنى 3-قېتىم بۇ خىل سىياسىي تەربىيىۋى كۇرسقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، يېزىلاردا دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى بىر تۈركۈم باشلامچى ئاياللارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئايال كادىرلارنى بۇ خىل مەخسۇس ئېمونېتلاش ھەرىكىتىنىڭ، جاڭ چۈنشەن ئۆز ئاغزىدىن ئاشكارىلىغان «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» سىياسىتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.