«ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتى - مەمتىمىن ئابدۇقادىر»
2007 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى» نى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنىنىڭ 2015 - يىللىق كاندىدات نامزاتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئىسىملىك ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ يېزىسى باسقاق كەنتىنىڭ بوغالتىرى مەمتىمىن ئابدۇقادىر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەمتىمىن ئابدۇقادىر ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا كۆپلەپ مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇما ناھىيىسىنىڭ باسقاق كەنتىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەمتىمىن شۇ يېزىدىكى «ئېگە-چاقىسىز بوۋايلار ۋە مومايلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق غەمگۇزارى» ئىكەن.
ئەمما بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا يېزىلىشىچە، بوغالتىر مەمتىمىننىڭ 2015 - يىللىق «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خالىس خەۋەر ئېلىشتەك بۇ خىل گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى بولغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولمىغان. بەلكى، ئۇنىڭ «زوراۋان كۈچلەر» گە قارشى «بايرىقى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان» لىقى، شۇنداقلا «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ زىيىنىنى ئاممىغا تونۇتۇش» جەھەتتىكى ئۇزۇن مەزگىللىك «خالىس تەشۋىقاتچى» سۈپىتىدە ئىشلىگەن ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى خىزمەتلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.
«تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەمتىمىننىڭ دادىسى ئابدۇقادىر مەتقۇربان ئوتتۇز نەچچە يىللىق پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتلاردا سانجۇ يېزىسى باسقاق كەنتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ ھەرقاچان كەنت ئاھالىسىگە «كومپارتىيە بولمىغان بولسا خەلقنىڭ ھېچنەرسىسى بولمايدىغانلىقى» نى، «كومپارتىيىنىڭ سانجۇ يېزىسىدىكىلەرگە يول ياساپ بەرگەنلىكى» نى، شۇنداقلا «خەلققە چۈجە تارقىتىپ بەرگەنلىكى» نى، تېخىمۇ مۇھىمى «ئاشلىق تېرىش، قوي - كالا بېقىشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقى» نى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن يېزا كادىرى ئىكەن. مەمتىمىننىڭ دادىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتتا يالغان ئېيتىپ كەلگەنلىكى، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىكى مەمتىمىنگە دائىر ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن بىز مەمتىمىن ئابدۇقادىر بىلەن ئالاقىلىشىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق. بىراق بىز، ئۇنىڭ سورىغان سوئالىغا قارىتا چەتئەلدىكى رادىئو ئىستانسىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتقاندىن كېيىن مەمتىمىن بىز بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلدى.
«تەڭرىتاغ» ئۇيغۇرچە تورىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014 - يىلى 13 - مايدا مەمتىمىن ئابدۇقادىر گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭدا «تېررورچى كۈچلەر» نىڭ سانجۇ يېزىسىغا تۇتىشىدىغان تاغ ئارىسىغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، ساقچى كۈچلىرى يېتىشمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئۆز كەنتىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنى باشلاپ، تاغ جىلغىسىنى تەكشۈرۈشى زۆرۈر بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەمتىمىن باشلاپ ماڭغان گۇرۇپپىدىكىلەر تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرگەندىن كېيىن، ئاخىرى قېچىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە يېتىشكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن مەمتىمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا « ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز. بولدى، بىزنى ماڭغىلى قويۇڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن بىزگە خائىنلىق قىلماڭلار» دېگەن. ئەمما مەمتىمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنى كالتەكلەپ يىقىتىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىرنەچچە بومبىنى تاپقان. مەمتىمىن بۇ ھەقتە «شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
مەمتىمىن ئابدۇقادىرنىڭ بۇ ھەقتىكى «قەھرىمانلىق روھى» ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا ئىلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن دەرگۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان زىيالىيلاردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، زۇلۇم تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچى ئۇيغۇرلارغا مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆچمەنلىك كۆزىدە قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گۇما ناھىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ نامرات ناھىيە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن تەشۋىقات خىزمىتىگە مۇشۇ دەرىجىدە زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۆز ھالاكىتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ھاكىمىيەتلەر دائىم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ ھەقتە ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ پىكىر بايان قىلىپ، ئىلشات ھەسەننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نۇقتىلارنى تەكىتلىدى.
ئالاقىدار مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015 - يىلى 13 - ئۆكتەبىردە ئېچىلغان «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى» دا مەمتىمىن ئابدۇقادىر شاللىنىپ كەتكەن ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن.