مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر بېيجىڭنى ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قەشقەر توققۇزاقتىكى يەرلىك دائىرىلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 15‏-دېكابىر «سايباغ ۋەقەسى» ھەققىدە بەرگەن بىر-بىرىگە زىت ئۇچۇرى، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىق پىكرىگە ئىلگىرىلەپ گۇمان پەيدا قىلدى.

خىتاي ۋە چەتئەللىك بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا چېتىش غەرىزىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق سايباغ يېزىلىق يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە سايباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىدە يۈز بەرگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قىرىپ تاشلىغان.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى خىتاي ۋە چەتئەللىك پائالىيەتچىلەر قەشقەر كوناشەھەردىكى «سايباغ ۋەقەسى»گە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەقەنى تېررورلۇققا باغلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «سايباغ ۋەقەسى» بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنىڭ سىگنالى.

قەشقەر كوناشەھەردىكى سايباغ يېزىسىدا 15‏-دېكابىر يۈز بېرىپ، 16 ئادەم ئۆلگەن قانلىق قىرغىنچىلىق بۇ يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىسمائىل ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئۆلگەن 2 ساقچىدىن باشقا، قالغان 14 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىسمائىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ بىر جەمەت كىشىلەر. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ساقچىلار ھەسەن ئىسمائىل، ئىسلام ئىسمائىل قاتارلىق 4 ئاكا-ئۇكا، ئەر-ئايال، سىڭلىسى، سىڭلىسىنىڭ ئېرى، باجىسى، باجىسىنىڭ خوتۇنى قاتارلىق 14 كىشىنى قارشىلىق قىلغان، دېگەننى باھانە قىلىپ ئېتىپ تاشلىغان.

بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدا 16-نويابىر مارالبېشى سېرىقبۇيا «ساقچىخانا ۋەقەسى»گە نەق بىر ئاي بولغاندا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق قانلىق ۋەقە. دائىرىلەر سېرىقبۇيا «ساقچىخانا ۋەقەسى» دە 9 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ۋەقەنى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ۋەقەنى يەنە تېررورلۇق، دەپ جاكارلىغان.

بىراق ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاش سىياسىتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مەن شۇنى دەپ قوياي، ھازىر نۇرغۇن كىشى جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلىشىغا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئۇنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

بۇ ئەھۋال يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئالاھىدە گەۋدىلىك. ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ئورنى، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئايال ۋە بالىلارنىڭ بارلىقى بۇنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەقەدە تېررورلۇقنى ئايرىشقا توغرا كەلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى تېررورلۇق. بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق. ھەتتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۆتىدىل كىشىلەر بۇنداق دېيىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ۋەقە 17‏-دېكابىر ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ۋە ئۇيغۇر-خىتاي دىئالوگى» ھەققىدىكى يىغىننىڭ ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى. يىغىندا ئۇيغۇر تور ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس «سايباغ ۋەقەسى»گە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ: بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا بىز خەلقئارانىڭ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلدۇق. چۈنكى بۇ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ بىردىن-بىر يولى. بىراق ھازىر ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئەمەس. نەتىجىدە، بىز ئۇنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۇق. رايوندا يۈز بەرگەن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ 80-90 % ئوخشاش ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقاد يولىنى چەكلەش خىتاي ۋە خەلقئارا تېررورلۇقتىكى بىر مەسىلە بولسىمۇ، بىراق خىتاي داۋاملىق بۇ يولدا ماڭسا، ئۇ بىر كۈنى ئۈمىد قىلغانغا ئېرىشىشى، ھەقىقىي تېررورلۇققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دېدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى يېقىندىن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ، باستۇرۇش ۋە قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا باغلاپ، رايوندىكى توقۇنۇشلار ئۇنىڭ سىياسىتى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان، لېكىن ئۇلرىخ دېلىئۇس خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭچە، بۇ ۋەقە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان مىللىي سىياسىتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بىز خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئېنىقلاپ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتىمىز. ئۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىلا ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە ناھايىتى زور مەسىلە بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بىراق، بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇنچىلىك ھېرىسمەن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. چۈنكى، ئۇنىڭ سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خۇددى چەمبەرگە ئوخشاش ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ زوراۋانلىقى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرىغا ئوخشاشلا زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى «سايباغ ۋەقەسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورچى ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر مىللىي ئىختىلاپ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ماقالىدە ئىختىلاپنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئىختىلاپنى قانداق يۇمشىتىش ھەققىدە ھېچقانداق كونكرېت پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىختىلاپنى يۇمشىتىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش. بىراق ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق نىيىتى ۋە جاسارىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ قارىشى ئەمەلىيەتتە، ۋاسىتىلىك ۋە نازۇكلۇق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسىنى رەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئۇ قەشقەردىكى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق، دېدى. لېكىن يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇنداق دېيىشى ھۆكۈمەتنىڭ پىكرىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. گەرچە ئۇ ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ، ئاسان دېسە ئاسان، قىيىن دېسە قىيىن مەسىلە. ئاسان دېگەندە بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. ھۆكۈمەت ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختاتسا، مەسىلە ئاستا-ئاستا يۇمشايدۇ.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىتى. بۇ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئېھتىمال، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلىنىڭ قىيىن تەرىپى بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ھەل قىلىش نىيىتى ۋە جاسارىتى يوق، دەپ كۆرسەتتى.