خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى يېڭى ھۆججىتى قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىرلىكتە «يېڭى شارائىتتا مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەققىدە پىكىر» ناملىق ھۆججەت چىقارغان.

ھۆججەتتە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە خىزمىتى بويىچە 6 نۇقتىدا 25 تۈرلۈك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا «جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇش، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللىي كادىرلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەنزۇ تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش» دېگەندەك بىر قاتار بەلگىلىمىلەر تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلار شۇنداقلا خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس بىلدۈردى.

بەزى ئانالىزچىلار مەزكۇر ھۆججەت خىتاينىڭ يېقىن ئارىدا مىللەتلەر سىياسىتىنى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى يۇمشىتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، بۇ راستىنىلا خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى؟

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى تامامەن مەغلۇپ بولدى. خىتاي مانا مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا مىللەتلەر مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ باش ئاغرىقىدىن ۋاقىتلىق قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەزكۇر ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ھالبۇكى، بۇ ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ياكى پۈتۈنلەي يېڭى پىكىرلەر ئەمەس. ئۇنىڭدا يەنىلا خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن ئاساستا، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە بەزىبىر چىرايلىق ئىبارىلەرنى ۋە يالتىراقلارنى سۈركىگەن، خالاس،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.