خىتاي دائىرىلىرى: «كەلگۈسى بىر يىلدا، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىدۇ»

0:00 / 0:00


22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن بىر كۈن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە «تېررور» غا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىمۇ كەلگۈسى بىر يىلدا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا «تېررورلۇق» قا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 25 - ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ۋە كەلگۈسىدىكى بىر يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «كەلگۈسى بىر يىلدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ «تېررورلۇق»قا قارشى كۈرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم جەڭ مەيدانى بولىدۇ!»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 23 - ماي كۈنىنى، يەنى 22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ ئىككىنچى كۈنىنى، خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر يىل داۋاملاشتۇرىدىغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ «نۆل نۇقتىسى» دەپ بېكىتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى 23 - ماي سەھەردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا «نۆل نۇقتا» دىن تازىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ قاتتىق زەربىدە 200 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «جىنايەت گۇماندار» ىنى، 23 «زوراۋانلىق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن چېتىلىدىغان» تەشكىلاتنى ۋە 200 دىن ئارتۇق پارتلىتىش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 22 - ماي ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى كۈرىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ بېكىتكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ «كۈرەش» نىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، خېنەن، جېجياڭ، گۋاڭدۇڭ ۋە يۈننەندىن ئىبارەت 4 ئۆلكە پۈتۈن مەملىكەتتىكى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نىڭ نۇقتىلىق رايونلىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تارتقۇلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى 26 - ماي باش قوشۇپ، مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئاچقان. شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىدە جياڭ زېمىن دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قاتتىق قول كونا مۇقامىنى تەكرارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بەزى يېڭى تەدبىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت، ناھىيەلەرگە ئىقتىسادىي سېلىنمىنى كۆپەيتىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەندەك مەزمۇنلار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان كەلگۈسى بىر يىلدىكى سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە كۈنلۈك تەشۋىقاتلىرىدا ئاقساراينىڭ 22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى ھەققىدىكى باياناتىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېگەن نام بىلەن ئەيىبلىشى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن كۈتكەن ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسىغا مەلۇم دەرىجىدە مەلھەم بەرگەن ھەمدە نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى تەشۋىقاتىغا مەلۇم خەلقئارالىق سىياسىي دەسمايە كۆرسىتىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» مۇخبىرىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررور» غا قارشى ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر خەۋەردە شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق خىتاي مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار كۆزەتكۈچىسى جاۋ چۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيەدىكى چېچەنلەر رايونىغا ئايلىنىدۇ. بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ۋاسىتە قوللىنىپ ھەرقانداق بىر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلاپ بولغان. جۇڭگونىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» كەلگۈسى بىر يىللىق كۈرەش پىلانى شىنجاڭدا ئەسلىدىنلا ئەڭ يوقىرى چەككە يەتكەن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىشى تۇرغان گەپ. شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ ئوت ئۈستىگە ماي چاچقانلىق، خالاس!»

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «جۇڭگو كۈندىلىكى» گېزىتىنىڭ 26 - مايدىكى خەۋىرىدە جۇڭگو سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇڭ داۋدېنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن: «جۇڭگو چوقۇم خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن "تېررورچىلار" نىڭ ئورتا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن، ھەتتا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان خەلقئارالىق باغلىنىشى مەۋجۇت.»

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق بەرگەن ئەڭ يېقىنقى باياناتىدا، ئاتالمىش «تېررورچى» لارنىڭ 4 خىل ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - ۋە 90 - يىللىرىدىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكا بىلىملىرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، كومپيوتېر ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئېلېكترونلۇق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى جىددىي يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا قاراتقان كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.