خىتاينىڭ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2016 - يىل 1 - يانۋاردىن باشلاپ مەزكۇر مەكتەپتە «تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت» تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارادا دىققەت قوزغىدى. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتاينىڭ دۇنياغا مەجبۇرىي تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچراپلا قالماستىن، ئاقىۋەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھالاكەت يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت تەسىس قىلىشىدىكى مەقسىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدى.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتايدا قۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇتقا بولغان ئەندىشىنى بىلدۈرۈپ: «خىتايدا قۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى تېررور ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تەتقىق قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىگە تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ، باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مانا بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر قىسىم پىكرى ئوچۇق تەتقىقاتچىلاردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىپ، تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.»
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق قارشىلىق ۋەقەلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىدىكى پىكىرلىرىدىن «مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئالدىراپ تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش، يەنى خەلقنىڭ ئۆزلىرى ئۇچرىغان ھەر خىل ھەقسىزلىكلەرگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. ئەمما نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا قاتتىق باستۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىكى ۋە بۇ سىياسەت خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى.
ئىلشات ئەپەندى 2015 - يىل ئاخىرى يۈز بەرگەن، فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلانىڭ خىتاي چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ۋەقەسىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلىدىغان ھەرقانداق قارشى پىكىرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇشىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» تۈزۈش، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى» قۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، پۈتكۈل خىتاي ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بىرى.
ئۇ خىتاينىڭ 1 - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە بۇ قانۇن ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەمەلىيەتتە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2009 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورچىلىقى سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەتمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مىللىي زىددىيەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشى، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتە چوڭ دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىدە بېسىم پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق شارائىتتا 2015 - يىل ئاخىرىدا ‹تېررورلۇققا قارشى قانۇن› ئېلان قىلىنىپ، يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. مانا ھازىر خىتايدا يەنە ‹تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت› مۇ قۇرۇلۇپتۇ. ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا قارشى قانۇن› نى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرماقچى، ئەمما خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلغان، ھەرقانداق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەت ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ھۆكۈمەتنى غۇلاش گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.»
0:00 / 0:00