ئامېرىكا ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھېسابلىمىدى
2014.05.01
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-ئاپرېل ئېلان قىلغان تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلىرىنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كونكرېت پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكلاتتا، خىتاي، تېررورلۇق دەپ قارىغان ۋەقەلەرگە ئامېرىكىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىنى، تېررورلۇق مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىشىچە، خىتاي پات-پات ئامېرىكىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېررورلۇقنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ھەمتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ، بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ باقمىغان.
دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق دەپ بېكىتتى. بىراق ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە دائىر كونكرېت پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. شۇنداقلا يەنە، مۇخبىر ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلىشىغا چەكلىمە قويدى.
30-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، باش ئەلچى تىنا كايدانوف، دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينى بۇ خىل ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
ئۇ: مېنىڭچە، ئەگەر خىتاي بۇ خىل ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تېخىمۇ كەڭ يول قويسا، بۇ، بىزنىڭ ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت توغرىلىق تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىزغا پايدىلىق، دەپ ئويلايمىز. بىز بۇ نۇقتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېنىق چۈشەندۈردۇق. مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى دوكلاتتا تولۇق قەيت قىلىندى، دەپ ئويلايمەن، دەپ كۆرسەتتى.
تىنا كايدانوف يەنە، تېررورلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسى توغرىلىق مۇنازىرە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن چۈشەنچىسى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: مەن تېررورلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسى توغرىلىق بەك چوڭقۇرلاپ توختالمايمەن. مېنىڭچە، ھەربىر دۆلەت بۇ مەسىلىگە ئۆز نۇقتىنەزىرىدىن قارايدۇ. بىز خىتايدا يۈز بەرگەن بەزى گۇرۇھلارغا ئالاقىدار بۇ ھۇجۇملاردا پۇقرالارغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلىمىز، دېدى.
بۇ دوكلات، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىلىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى، دەپ ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ دوكلات 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن كۈنگە توغرا كېلىپ، دىققەت قوزغىدى. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قېلىشى تاسادىپىيلىق بولۇشى ئېھتىمال. بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلات، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى پىكرى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلى خوڭكۈەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى تېررورلۇقنى نىشان قىلغان. تېررورلۇقنىڭ خەلقئارا ئېنىقلىمىسى بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى. ئۇنىڭ مەقسىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق باستۇرۇش. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېغزىنى ئېتىش. چۈنكى، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا باشقا ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو كۆرۈنۈشتە ئامېرىكىغا ماسلاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئاساسلىق مۇددىئاسى شىنجاڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇش.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى ناھايىتى چەكلىك، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ جەھەتتە بلورۇسىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ئاساسى نىشانىنى ئەتراپتىكى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قاراتقان.
ئىلى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلەرنىڭ راست تېررورلۇق ئىكەنلىكى گۇمانلىق.
ئۇ: مەسىلە، شىنجاڭدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىمۇ -ئەمەسمۇ؟ بۇ مەسىلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر تەرەپلىمىلىك چۈشەنچە بېرىپ كەلدى. 3-بىر قانال تەمىنلىگەن ئۇچۇر ناھايىتى چەكلىك. شۇڭا، ھازىر شىنجاڭدا بىر ۋەقە يۈز بەرسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنى دەرھال تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلىپ، تەنقىد قىلىدۇ. ئارقىدىنلا ئادەم تۇتىدۇ ۋە باستۇرىدۇ. خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ كەلدى. چۈنكى، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرى ئىنتايىن ئاز. بۇ ھازىرقى ئەڭ زور مەسىلە. شۇڭا، ئۇلار خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ كومپارتىيە مەملىكەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تورغا قويغان ۋىدېئوسىدا بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇستەقىل پاكىت يوق، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بىراق ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى.