خىتاي دائىرىلىرى 10-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 28-ئىيۇل يەكەن قانلىق توقۇنۇشىغا ئالاقىدار 18 ئۇيغۇرنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تۇتۇشتا يەكەندىكى پۇقرالارنىڭ تەشكىللىنىپ، ساقچى-ئەسكەرلىرىگە ئۆزلۈكىدىن ياردەملەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. دائىرىلەرنىڭ بۇ خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغاپ، ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
بۈگۈن كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان «28-ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىدىكى گۇماندارلاردىن 18 كىشىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تەكىتلەنگەن «ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېررورچىلارنى تۇتۇشتا ياردەمدە بولدى» دېگەن تەشۋىقاتلارغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاسلار بېرىلدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە، «خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ‹تەسلىم بولغان 18 گۇماندارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان پۇقرالار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن بۇ ۋەقەگە قاتناشقانلىقى، ساقچى-ئەسكەرلەرگە ياردەملىشىپ تېررورچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رولى چوڭ بولغانلىقى› نى تەشۋىق قىلدى. ئەمما دۇنيا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت دائىرىلەرنىڭ بۇ 18 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينى تۇتۇشتا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە يېزا خەلقىنى مەجبۇرىي ئەكېلىپ، رادىئو كانايلىرىدا ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە» دېيىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرىكى بىرقانچە خەۋەرلىرىدىمۇ، ئاتالمىش«تېررورچىلار»نى قورشاپ تۇتۇشتا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمدە بولغانلىقى ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ خەۋەرلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، يېقىندا قەشقەر، يەكەن، خوتەن قارىقاش ۋە ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇش»يەنى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتا، شۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قاتناشقانلىقى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن رول ئالغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما رادىئومىز مۇخبىرى يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، دېھقانلارنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە قورقۇتۇشى نەتىجىسىدە، قوللىرىغا كالتەكلەرنى ئېلىپ قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى، زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان ساقچى-ئەسكەرلەرنىڭ بولسا، كالتەك كۆتۈرگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئاتالمىش تېررورچىلارنى يەنى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
10-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر يېزا كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچتۇرپاندىكى گۇماندارلارنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكىگە قاتناشقان دېھقانلار، كەنت سېكرىتارىنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن مەزكۇر ھەرىكەتكە ھاشار ئورنىدا قاتناشقانلىقى ئاشكارىلاندى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەر، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا قاتتىق قوللۇق بىلەن قوراللىق باستۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدا تەكىتلىنىۋاتقان، ساقچىلارنىڭ ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇشىغا ئۇيغۇلارنىڭمۇ يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى رادىئومىزدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بۇ قىلمىشنى تەنقىدلەپ، «دائىرىلەرنىڭ يېزىدىكى دېھقانلارنى قوللىرىغا توقماقلارنى كۆتەرتىپ، تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئاتالمىش ‹تېررور گۇماندارلىرى› نى تۇتقۇن قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشىنىڭ ئۆزى، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ‹خەلق ساقچىسى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ› دېگەن شوئارىغا خىلاپ قىلمىش. يەنە بىر جەھەتتىن قوللىرىغا كالتەك-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىنى تۇتۇشقا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھېچقاچان ئۆزلۈكىدىن بۇ ئىشقا رازى بولغىنى يوق. ئۇلارنىڭ قانداق بېسىم ۋە قورقۇتۇشلار ئىچىدە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ھەرقانداق بىر ئادەم ئويلاپ يېتەلەيدۇ» دېدى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررور گۇماندارلىرى» نى تۇتقۇن قىلىشقا ياردەملەشكەنلىكى ھەققىدە بۇ قەدەر كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغا روھى جەھەتتىن زەربە بېرىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە، تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوللىرىغا كالتەكلەرنى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئۆلۈم خەۋپى يۈز بېرىدىغان سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇشى خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇندىن ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قاھار ئەپەندى، بۇندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن 90-يىللاردىكى بارىن ئىنقىلابى، 97-يىلدىكى ئىلى فېۋرال ۋەقەسى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ساقچىلارنى تۇرغۇزۇش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى مىسالغا ئالدى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەيلى قانداق ۋاسىتە قوللانمىسۇن، نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00