خىتاينىڭ پارىژ ھۇجۇمىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى سۇيىئىستېمال قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-11-17
Share
parizh-bomba-hujum-terror.jpg پارىژدا زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ئورۇندا ئۆلگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ گۈللەر قويۇلماقتا. 2015-يىلى 17-نويابىر، فىرانسىيە.
VOA/Daniel Schearf

بۈگۈن خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ خىتاينىڭ رەسمىي گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى تەكىتلىگەن. ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

مىڭ جيەنجۇ مۇنداق دېگەن: «قانۇنغا ئاساسەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن، زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە رادىكال دىنىي پائالىيەتلەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك.»

مىڭ جيەنجۇ سۆزىدە، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان ئورگانلارنى باشقۇرۇش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئالدىنقى كۈنلىرى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت ۋە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارقىدىنلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

يۇقىرىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بەرگەن بايانلىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن قانداق پايدىلانغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى»‏- «دائىش» تىنمۇ شۇنداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كېلىپ چىقىشى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بىر كوزىر بولدى. ‹11- سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىل ئۇيغۇرلارنى « رادىكال» دېگەن باھانە بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر سۈرىيەگە بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ‹رادىكال، بۇلار ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى قوللايدۇ، بۇلار بىزگىلا تەھدىت ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت› دەپ قارىلاپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژدىكى ۋەقەگە ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە «خىتاي رەھبەرلىرى ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسلىدىلا كەڭ ئىجرا قىلىۋاتقان كونترول قىلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىپ بولدى» دېيىلگەن. گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىش، ئىستىخبارات ۋە ئالدىن خەۋەر بېرىشنى كۈچەيتىش» يوليورۇقىنى بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا چېتىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ئاسانلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ‹بىزنىڭمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تېررورلۇق مەسىلىمىز بار›، دېيىش ئارقىلىق ۋە ئىچكى تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى› غا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى. بۇنداق قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ-سولاپ، ئۇلارغا زەربە بېرىشى تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بولسا، يېقىندىكى ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى جورج ئوسبورننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىگە قارىماي، غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالدىراپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېزىت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ باقمىدى. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورچى› ۋە ‹بۆلگۈنچىلەر› گە بەرگەن ئېنىقلىمىسىنى قوللىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ» دېگەن.

بۈگۈن يەنە خەلقئارالىق سىياسەت تەتقىقات ئورنى بولغان « تاشقى سىياسەت بىرلىكى» نىڭ تور بېتىدىمۇ «خىتاي ئۈچۈن پارىژ ۋە بېيرۇت ھۇجۇملىرىنىڭ نەتىجىسى» ماۋزۇسىدا بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى.

تەتقىقاتچى گەررىي سەندىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمدى پارىژ ۋە بېيرۇتتىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىسلامچى مىللىتانلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى مۇمكىن» دېگەن. ئۇ مۇلاھىزىسىدە يەنە «ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› دەيدىغان گۇرۇپپىغا ئارتىپ كەلگەن ۋە بۇ گۇرۇپپا ب د ت شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە يەر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي تەسۋىرلىگەندەك ئۇنداق قۇدرەتلىك بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ» دەپ بايان قىلغان.

گەررىي سەندىس مۇلاھىزىسىدە ئەسكەرتىپ «پارىژدىكى ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بېيجىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرقانداق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىشى مۇمكىن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شېنكۇننىڭ ‹زوراۋان تېررورلۇقنى باش كۆتۈرمەي تۇرۇپ ئۇجۇقتۇرۇشىمىز كېرەك› دېگەن رىتورىك سۆزى خەتەرلىك بىر باشلىنىشتۇر.» دېگەن.

دەرۋەقە، رېيتېرس ئاگېنتلىقى، ب ب س قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژدىكى ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت