گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىدا 26 - نويابىر ئېلان قىلىنغان «خىتاي غەزەپلىك، خىتاي سۆرەلمە» ناملىق ئانالىز ماقالىسى، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يولۇقۇۋاتقان 3 چوڭ قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بولغان.
«ئەينەك» ژۇرنىلى ئوبزورچىسى ئۇلرىكې پۇتزنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يولۇقۇۋاتقان 3 چوڭ قىيىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى.
ماقالە 18 - نويابىر كۈنى ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى، گۆرۈگە ئالغان 50 ياشلىق خىتاي پۇقراسى فەن جىڭخۈينى سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈپ، سۈرىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ۋە ئىسلام رادىكال كۈچلىرى 20 - نويابىر مالىنىڭ بوماكا مېھمانخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ نەپەر خىتاي دىرېكتورىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ غەزەپلىنىپ، خەلقئارا تېررورغا قارشى دەرھال ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدىغاندەك بىر كەيپىياتنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆرەلمىلىك قىلىپ، قۇرۇق ئىپادە بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلامى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشىغا ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئۈچ چوڭ ئامىل تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن.
بىرى، ئالجىرىيەدە 42 مىڭ، لىۋىيەدە 50 مىڭ خىتاي ئىشچىسى ئىشلىمەكتە. خىتاي بۇ ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇشقا مەجبۇر.
ئىككىنچىسى، ھەر يىلى 100 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي چەتئەلدە ساياھەت قىلماقتا. ئۆتكەن بىر يىل چەتكە ساياھەتكە چىققان خىتايلارنىڭ سانى 120 مىليوندىن ئاشتى. بۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقا مەجبۇر. ئەگەر خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورغا قارشى ھەرىكەتكە ئاكتىپ قاتناشسا، ئىسلام دۆلىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رادىكال كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى. گەرچە ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. ئىسلام دۆلىتى رادىكال كۈچلىرى ئۆتكەن يىلى بىر تىزىملىك ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ئىسلامىي ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان 20 كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، خىتاينى ئالدىنقى قاتارغا تىزغان، خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام خەلىپىلىكى قاتارىغا كىرگۈزگەن.
بىراق، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈردى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى 26 - نويابىردىكى «جۇڭگو قاچانغىچە ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ» ناملىق خەۋىرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 3 نۇقتا ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دۆلىتى سېپىگە قېتىلىپ، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. 25 - نويابىر ئېلان قىلىنغان «پۇقرالار چەتئەلدە ھۇجۇم نىشانى بولماقتا، جۇڭگونىڭ جاۋابى نېمە؟» ناملىق خەۋەردە بولسا، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورغا قارشى تۇرۇشتا پۇت - قولىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان نەرسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خەلقئارانىڭ بۇ ئىككى مەسىلىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد خەمىت بولسا، خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارشىلىقلارغا مەجبۇرلاۋاتقان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇلرىكې پۇتز «خىتاي غەزەپلىك، خىتاي سۆرەلمە» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە، يۇقىرىقى ئۈچ ئامىلنىڭ خىتايغا قاتتىق بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۈچلەندۈرۈپ، ب د ت دا ئېچىلغان قارار بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇسىيە تەڭلا ئىسلام دۆلىتىنى يوقىتىشقا ئاۋاز بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ «مەسىلىنى تىنچ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش» مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بۇنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.
0:00 / 0:00