خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاراتمىلىق تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.09.25
gheyret-seliyof-xitayperes.jpg غەيرەت سېلىيوفنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق يورۇق، ئەپۇچان، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىدىغان، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلايلى» ناملىق ماقالىسى توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە سۆھبىتى. 2013-يىلى سېنتەبىر.
http://bbs.xjtsnews.com tiki munasiwetlik programmidin elinghan

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يېقىندىن بۇيان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» تېما قىلىنغان يەنە بىر سىياسىي تەشۋىقى تەربىيە دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سەلىيېف يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق يورۇق، ئەپۇچان، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىدىغان، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلايلى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ساھەلەر بويىچە، بۇ ماقالە ئاساسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا، غەيرەت سېلىيوفنىڭ تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتلىرىدا، سىياسىي مەقسەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى، ئۇيغۇردا نارازىلىق قوزغاپلا قالماي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، غەيرەت سېلىيوفنىڭ تەشۋىقى بايانلىرىغا بىرمۇ-بىر رەددىيە بېرىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېزىلغان بۇ ماقالىنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ غەرىزىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى» دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.