يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش ئۇيغۇر «ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر يەنە كۆپەيدى. بۇ خىل خەۋەرلەرگە خەلقئارا تاراتقۇلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاي تاراتقۇلىرىدا مەدھىيىلىنىۋاتقان ئاتالمىش ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بىر خادىمى يېڭى ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەققىدىكى خەۋەر ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىر سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27 -، 28-مارت كۈنلىرىدىكى سانلىرى ۋە خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، خوتەن كېرىيە ناھىيىسى جاي يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق ئوچۇق خەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى مەيدانى مۇستەھكەم نەمۇنە» دەپ ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئوبزور-ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ جانلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مەزكۇر خەۋەرلەردە يەنە، خوتەن كېرىيە جاي يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ مۇراجىئەت خېتىدە، ئۇيغۇر خەلقىنى «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە مىننەتدار بولۇش، كومپارتىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاسايىشلىق، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىپ، جۇڭگونى پارچىلاش غەرىزىدىكى يامان نىيەتلىك ئاز ساندىكى ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش»كە چاقىرغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كادىر ۋە ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقى مەدھىيىلەندى.
«شىنجاڭ گېزىتى» تور بېكىتىدە قالدۇرۇلغان تېلېفون ئۇچۇرىغا ئاساسەن، گېزىتخانا تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەۋىرىدىكى ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ۋە مەزكۇر خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت ئەھۋاللارنى سورىدۇق.
-ياخشىمۇسىز، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇ؟
-شۇنداق، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
-مەن سىلەرنىڭ گېزىتىڭلاردا ئېلان قىلىنغان ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم، مەن بۇ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىلەي دېگەن ئىدىم، رەھمەت.
-سىز خوتەنلىك مۇئاۋىن كەنت سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەققىدىكى خەۋەرنى دېمەكچىمۇ؟
-شۇنداق مەن مۇخبىر، ئۇنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتكە قارىتا ئاممىنىڭ گېزىتخاناڭلارغا ئەۋەتكەن خەتلىرى ۋە ئىنكاسلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز. چۈنكى، سىلەر بەرگەن خەۋەردە ئاممىنىڭ ئۇ يازغان ئوچۇق خەتتىكى «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى روھىدىن ئۆگىنىدىغان» لىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپتۇ. خوتەندىكى ئاممىدىن گېزىتخاناڭلارغا بىۋاسىتە خەت ئەۋەتىلىپ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مەدھىيىلەندىمۇ؟ بۇنى بىلەي دېگەن ئىدىم، رەھمەت.
-گېزىتتىكى خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي خەۋىرىدە خوتەندىكى ئاممىنىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ھەممىسى بار.
-ئاممىدىن گېزىتخاناڭلارغا كەلگەن ئىنكاس خەتلەر بارمۇ؟
-ياق، ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاس خەتلەر يوق. ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسى ماقالىنىڭ ئىچىگە يېزىلدى.
-سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلاردا ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان چاقىرىق خېتىگە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى دېيىلىپتۇ، گېزىتخاناڭلارغا ئەۋەتىلگەن ئىنكاس خەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەي دېگەن.
-بۇ ھەقتە جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ، سىز تېلېفوننى نەدىن ئۇرۇۋاتىسىز؟ قەيەرنىڭ مۇخبىرى؟
-تېلېفوننى ئامېرىكىدىن ئۇرۇۋاتىمەن، مەن ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى.
-بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارغا ۋە كونكرېت مەسىلىلەرگە مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. بۇ مەسىلىلەرگە گېزىتخانا تەھرىر بۆلۈمى ۋە خەۋەرنى يازغان مۇخبىر جاۋاب بېرەلەيدۇ. چۈنكى، مەن نۆۋەتچى خادىم.
-ئەمما، مېنىڭ ھازىر ئۇرغىنىم، تەھرىر بۆلۈم تېلېفون نومۇرى دېيىلىپتىغۇ؟
تېلېفونىمىزنى ئالغان گېزىتخانا خادىمى، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئائىت تەپسىلىي ئەھۋاللار ۋە ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاسلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي چاقىرىقىغا ئاساسەن يېزىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
-ئىلگىرى تەشۋىقاتلاردا قۇربان تۇلۇمدىن ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىناتتى، ھازىر ئوبۇلقاسىمدىن ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىنىۋېتىپتۇ. گېزىتىڭلاردا ئۇ «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى نەمۇنە» دەپ تەسۋىرلىنىپتۇ. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قايسى خىلدىكى نەمۇنە؟ ئۇ، ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى نەمۇنىمۇ ياكى مىللىي ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسىمۇ؟
-بۇلار ھەممىسى شىنجاڭ گېزىتىدە ئېنىق يېزىلغان. سىز بۇ سوئاللىرىڭىزغا شۇ يەردىن جاۋاب تاپالايسىز. بۇ مەن جاۋاب بېرىدىغان ياكى مەن ئىپادە بىلدۈرىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش ھەققىدە چۈشۈرگەن مەخسۇس ھۆججىتىمۇ بار. گېزىتخانىمىز بۇ خىل چاقىرىق-ھۆججەتلەرگە ئاساسەن خەۋەر يازىدۇ. شۇڭا سىز سورىغان بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە گېزىتخانىمىز تەھرىر بۆلۈمىلا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئەسلى ئاخبارات-خەۋەرلەر قانۇنىيىتى بويىچە ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرى ستاتىستىكا قىلىنىدۇ، ئەمما مەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا جاۋاب بەرسەم بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى بۇ خىل ئاتالمىش ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ۋە چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن يېزىلىپ كېلىۋاتقانلىقى غەرب دېموكراتىك دۆلەت تاراتقۇلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى نەزىرىدە، بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدىكى ئىككى يۈزلىمىلىككە زەربە بېرىش» قاتارلىق سىياسىي شاماللار ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئۆگىنىش نەمۇنىلىرى» نىڭ يارىتىلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، بۇ قېتىم باشلانغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى ئۆگىنىش نەمۇنىسى» ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن سۈنئىي ياساپ چىقىلغان ئوبراز بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان ھالەتتىمۇ 50-60-يىللاردىكى ئاتالمىش كومپارتىيىگە سادىق دېھقان قۇربان تۇلۇم، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى ئالىم خالىقلارغا ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەپرەت تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان سەلبىي شەخسلەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان شەخسلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر تەرىپىدىن يېڭىدىن تىكلىنىپ، تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى دەپ تىكلەنسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان بۇ خىل ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇلار ئەسلا قوبۇل قىلىنمايدۇ.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم خىتاي تاراتقۇلىرىدا مەدھىيىلىنىۋاتقان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئىسىملىك بۇ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئەلۋەتتە ئىلگىرىكى يىللاردا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان قۇربان تۇلۇم، لېي فىڭ قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياساپ چىقىلغان سىياسىي ئوبراز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى نەمۇنە» دەپ تەرىپلىنىشى دىققەت قوزغايدۇ. چۈنكى، بۇ ئوبراز نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ‹ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش›، ‹مۇقىملىقنى قوغداش›، ‹ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئىچىدىكى ئىككى يۈزلىمىلىككە زەربە بېرىش› دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەر مەزگىلىدە بارلىققا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى باستۇرۇشتا، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇشقا، ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان، مەجبۇرلاۋاتقان مەزگىلدە، ئوتتۇرىغا چىققان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ئاتالمىش ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ.»