خىتاي مىسىرغا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئەۋەتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.05.08
misir-el-ezher-uniwersiteti.jpg ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ياز.
Public Domain

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلق گېزىتى»، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 8- ماي تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي -چەتئەل دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ گۇيشاڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە مەخسۇس زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بىرىنچى بېكىتىنى مىسىردىن باشلىغان. ئۇلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدىكەن.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» دۈشەنبە كۈنى، قاھىرەدە مىسىردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەمدە «خىتاي-مىسىر دوستلۇق جەمئىيىتى» مىسىردىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆمەك باشلىقى شۈ گۇيشاڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، «مىسىر بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تەڭ ئۆز ئارا چۈشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى ناتوغرا خەۋەرلىرىگە قارشى مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن ھەر قايسى ساھەلەرگە، شىنجاڭنى توغرا تونۇتۇش ئىكەنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شۈ گۇيشاڭ يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە شۇنداقلا رايوندىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ: «شىنجاڭدا ئەزەلدىن كۆپ خىل مىللەتلەر، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، دىنلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇر كەلىمىسىنى ئىشلەتمىگەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرمىگەن شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىپ، «شىنجاڭدا تېررورىزم ۋە رادىكالىزمنىڭ تەسىرى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ئاساسىنى تۈگىتىشتە چوقۇم قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر»، دەپ تەكىتلىگەن.

«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ھەققىدە مەلۇماتلاردا يەنە ئۇلارنىڭ ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ ئىككى دۆلەتتىكى مىللەت ۋە دىن سىياسەتلىرى، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرى ھەققىدە ئۆز-ئارا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما دۇنيا ئاخباراتىدا زور غۇلغۇلا ۋە تەنقىد قوزغىغان ئەزھەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئىز -دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلىشى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان- قويۇلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

مىسىر مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاينىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانا تور بەتلىرىدىمۇ بۈگۈنگىچە «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ پائالىيەتلىرى تەپسىلىي ھەققىدە ئۇچۇر ياكى خەۋەر بېرىلمىدى.

«شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان بۇ زىيارىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراش ۋە قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈن تەرتىپى ئىچىدە بار- يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەلچىخانىنىڭ مەدەنىيەت ئىشخانىسى خادىمى تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلاندى، تېلېفوننى ئالغان بۇ خىتاي خادىمدىن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ مىسىردىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق باش ئەلچى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويدى.

خىتاينىڭ مەخسۇس «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن مىسىرغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن- كۆرۈشمىگەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى، گەرچە 4- ئايلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆمەك كېلىدىكەن دەپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق كەلگىنىدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر نۆۋەتتە مىسىردا پائالىيىتىنى باشلىغان ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، بۇنىڭدىن خەۋەردار بالىلار ئارىسىدا، بۇ ئۆمەكنىڭ كېلىش مەقسىتىنىڭ «قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ يىغىپ قايتۇرۇپ كېتىش مەقسىتى بار ئىكەن» دېگەندەك سۆز -چۆچەكلەر تارالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلغان ئەزھەرنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى، بۇ قېتىم كەلگەن ئۆمەكنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خەۋىرى يوقلىغىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكى ۋە خەۋەرمۇ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مىسىر ئىزتراپى ۋە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىدىن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار بولغان تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى خىتاينىڭ مەخسۇس «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تەشكىللەش ئارقىلىق تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇشى ھەمدە «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرغانلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن زور سودا ھەمكارلىقى بولغان مۇسۇلمان دۇنياسىدا، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا بۇ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئۆتكەن يىلى يازدىن باشلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ جازالىنىشى مەسىلىلىرى سەۋەبلىكمۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دېگەن نام بىلەن مىسىردا سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى يەنە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىيەلىك، سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ راۋاجلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» نامىدىكى بۇ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ تېز ۋە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشى زۆرۈر دەپ تەكىتلىدى.

ئوتكەن جۈمە كۈنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى كەمبېرادىكى مىسىر ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مىسىرنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق خېتى تاپشۇرغان ئىدى.

لېكىن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە دۇنيادىكى ھېچقايسى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» لىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي ھەم ئىنسانى ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزىغا ئۇچرىتىشى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ باققانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.