خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنى يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەتلەسچىلىك قول سانائىتىنىڭ كەشتىچىلىككە ئوخشاشلا بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇۋاتقانلىقى تۈرلۈك رەسمىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولماقتا. يەرلىك كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەرمۇ بۇ خىلدىكى ھادىسىنىڭ نوقۇل سىياسىي مەقسەتلەرنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.
خىتايدىكى رەسمىي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بولغان «مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى»، «خەلق تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» نامى ئاستىدا يولغا قويۇلغان «تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى كىيىم-كېچەك لايىھىلىگۈچىلەر بۇ يىل ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ سۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىشكە قاتناشقان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە «ئەتلەستە يېڭىلىق يارىتىش»-ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ كۇرسانتلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۆگەنمەكچى بولغان ئاساسىي مەزمۇنلاردىن بىرى ئىكەن. ھالبۇكى مەزكۇر يۈرۈشلۈك پائالىيەتنىڭ بۇ يىل 28-مارت كۈنى يېپىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» پائالىيىتىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتى جەريانىدا خوتەن ۋىلايەتلىك كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھېپىزىخان ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى «ئۆگىنىش» پائالىيىتى ھەققىدە زوق شوق بىلەن سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ئۇستىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مىللىي خاراكتېرگە ئىگە كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىك ھۈنەر سەنئىتىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
سۆھبەتنىڭ داۋامىدا ھېپىزىخان ئۆزلىرى تەشكىللىگەن «ئۆگىنىش كۇرسى» دىكى ئەزالارنىڭ خوتەن تەۋەسىدىن تەشكىللەنگەن دېھقانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەچ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىك ھۈنەرلىرىنى «خاتىرە بۇيۇم» ياساش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بولسا ئاساسەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى مەدھىيىلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە ئەتلەسچىلىك سەنئىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتايدىكى سىياسىي تەشۋىقاتقا تەتبىقلىنىشى ماھىيەتتە ئۇنىڭ خارابلىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھازىر ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولغان ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارەتلىرى خىتاي ئۇستىلارنىڭ قوللىرىغا ئۆتۈشكە باشلىغان بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى كەشتىچىلىك ۋە ئەتلەسچىلىكنىڭمۇ ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە سانائەتلەشكەن زاۋۇتلار دۇنياسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.