ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ يازلىق تەتىلدە «لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقاتى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سىياسىي ھاشار دەپ ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كۇچار ناھىيىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە مەزكۇر ناھىيىدىكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار بىلەن بىرلىكتە «لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقاتى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى يازلىق تەتىللىك تەشۋىقاتقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ يېزىلاردا پارتىيەنىڭ سىياسىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن-تۇزۇم ۋە باشقىلارنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تاڭغان «قىزىل تەشۋىقات» نامىدىكى ھاشارنى نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ تېڭىش ئارقىلىق، «مېڭە يۇيۇش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا ئۆتكەن جۈمە كۈنى كۇچار ناھىيىسىدە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆيلىرىگە دەم ئېلىشقا قايتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارغا ياردەملىشىپ تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئوخشاش خەۋەر خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى ۋە كۇچار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەرلەردە مەزكۇر لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان رىزۋانگۈل ئەزىزنىڭ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ،«بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقاتىغا قاتناشقىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆزۈم ئۆسكەن يېزىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

ئۇنداقتا، تەتىل قىلىپ ئۆيلىرىگە قايتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى راستىنىلا يازلىق تەتىلدىكى دەم ئېلىشىنى قۇربان قىلىدىغان بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلارغا قانداق قاراشتا؟

يەرلىكتىن تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كۇچار ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

رادىيومىز خوتەن، قەشقەر، بورتالا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بۇ يۇرتلاردىمۇ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ بەزى جايلاردا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى بورتالا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئىختىيارىي ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەن قاراقاشتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئۇلارنىڭ يېزىسىدا بۇ يىل يازدا تەتىل قىلىپ ئۆيلىرىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھىيىدىن كەلگەن كادىرلار بىلەن بىرلىكتە يېزىدىكى دېھقان ياشلىرىنى تەشكىللەپ، مەدىنى كۆڭۈل ئېچىش، تەشۋىقات رەسىملىرى سىزىش قاتارلىق ھەر خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇغۇچى، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەتىلدىن ئىلگىرى مەكتەپتە تارقىتىلغان «جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى» ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى، پات يېقىندا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ مەدەنىيەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مەزكۇر مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «دېھقانلارغا ئۆزىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆرگەن تەرەققىيات ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىمىز، ئۇندىن باشقا قانۇن بىلىملىرى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىدىن يىراق تۇرۇش تەشۋىقاتىنىمۇ قىلىمىز» دېدى.

بۇ ئوقۇغۇچىدىن ئۆزىنىڭ تەتىل مەزگىلىنى قۇربان قىلىپ، بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا قانداق قارايدىغانلىقى سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋاب بېرىپ،«ئەلۋەتتە قاتنىشىمىز‏-دە، ئەگەر بۇ خىل پائالىيەتكە قاتناشمىساق، يېزىلىق ھۆكۈمەت مەكتەپ تارقاتقان ‹جەمئىيەت تەكشۈرۈش جەدۋىلى›گە تامغا ئۇرۇپ بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئوقۇش پۈتتۈرۈشىمىزگە تەسىر قىلىدۇ» دېدى.

بورتالادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۆز تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بالىلار بولمىغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە سىياسىي تەشۋىقاتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما بۇلتۇر قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە باشقىلاردىن تەتىل مەزگىلىدە ئۆيلىرىگە قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىملىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئالدىنقى يىللاردا ئۆز يېزىسىدا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان ئاياللارنىڭ ئورۇنۇۋېلىش ئەھۋالى يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئاساسەن تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشۋىقات لېكسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ يېزىلاردىكى «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش» ئۈچۈن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن بولۇپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» دەپ تەنقىدلىگەنلىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تېڭىپ كېلىۋاتقان «قىزىل تەشۋىقات» يەنى دېھقانلارنى تەشكىللەپ «قىزىل ناخشا ئېتىش»، «قىزىل تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزىش»، «كومپارتىيىنىڭ سىياسىتىنى مەدھىيىلەيدىغان لېكسىيىلەرنى سۆزلەش، ئاڭلاش» قاتارلىق سىياسىي ھاشارلارنى نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ تېڭىش ئارقىلىق، «مېڭە يۇيۇش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، قۇرۇلتاي ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ھەر خىل ناملاردىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دائىرىلەر نۆۋەتتە بارلىق ئامال-چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي كومپارتىيىسىنى مەدھىيىلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك قارىشى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ خىل مېڭە يۇيۇش خاراكتېرىنى ئالغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ-ئەمىن ۋەزىيەت يارىتىشى ناتايىن» دېدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، دائىرىلەرنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتى» نى تەنقىدلەپ، «ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ھەقسىز ئەمگەك ھاشارى، قىزىل ناخشا ئېيتىش، ئالما ئۇسۇلى ئويناش قاتارلىق سىياسىي ھاشارلارنى سېلىۋاتقان يەرلىك دائىرىلەر مانا ئەمدى بىلىم ئىگىلىرى بولغان ياش ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ‹لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات ھاشارى› سېلىپ، ئۇلارنى نورمال دەم ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ» دېدى.