ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى، خەلق تورى قاتارلىق تاراتقۇلىرى بىردەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. بىراق، بىزنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز بۇنىڭ ئەكسىنى بىلدۈرمەكتە. رادىئومىز ئالاقە قىلغان بىر كىشى: «ھۆكۈمەت تۇر دېگەن يەردە تۇرسا، قىلما دېگەننى قىلمىسا، قىل دېگەننى قىلسا، ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ، ئازراق قالايمىقان سۆزلەپ قالغاندىن كېيىنلا تۇتۇپ كېتىدۇ، بۈگۈنى بار ئادەم ئەتىسى يوق» دەپ ۋەزىيەتنى تەسۋىرلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاي ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە بىردەك، پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى، پارتىيىگە بولغان مىننەتدارلىق كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا. مەسىلەن بۈگۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان قۇرۇلتاي ھەققىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان : ھەر ساھە، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا ئېرىشكەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بەس-بەستە بايان قىلىشتى. ئۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قىلىۋاتقان چەكسىز غەمخورلۇقى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزدى...
ماقالىدە يەنە، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بەس-بەستە ۋە بەھۇزۇر ھالدا خەلقنىڭ پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇنداقتا، 9-قۇرۇلتايدا ۋەكىللەر بەھۇزۇر ھالدا پارتىيىنى ماختاۋاتقان بولسا، پارتىيىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقانلارمۇ ئاشۇنداق بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ دەردىنى ئېيتالاۋاتامدۇ؟ بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر جايغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئاددىي پۇقرانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەشكە تىرىشىپ باقايلى، ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھازىرقى ۋاقىتتا ئەمدى گەپنى دىققەت قىلىپ قىلمىسا بولمايدۇ. قورسىقىنى تويغۇزالماي، ناھەق ئىشلارغا چىدىماي سۆزلەپ قالغانلارنىڭ ئىشى چاتاق. ھۆكۈمەت بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ ئۇلارنى. ھۆكۈمەتنى قاغاپ، ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلىپ نارازى بولغان ئەسكىلىنى ھۆكۈمەت تۈرمىگە سولايدۇ. تۈرمىلەردە ئادەم شۇنداق جىق ھازىر. بۈگۈن كۆرگەن ئەتىسى يوق. قېنىكەن دېسە، كېچىدە ھۆكۈمەت كىرىپ تۇتۇپ كېتىپتۇ، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تۇتۇپ كەتكەن پېتى ئۇ ئادەمدىن خەۋەر ئالغىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ھەر قىسما گەپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرۈشتۈرگىلى قويمايدۇ».
بۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇپ، گەپ قىلىدىغانلار ۋە ياكى ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم پۇلىنى «ھارام» دەپ ئېلىشنى رەت قىلىدىغانلار بىردەك ھالدا «ۋاھابىلار» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بىز يۇقىرىدىكى كىشىدىن ئالغان مەلۇماتقا ئاساسەن يەنە شۇ يەرلىكتىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، قانداق كىشىلەرنىڭ «دىنى رادىكال» دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ھازىر شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قويدى.
چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق» ياكى «دىنى رادىكاللىق» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈش ئارقىلىق جىمىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھازىر ناھايىتى قىيىن ۋەزىيەتتە، يەنە تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن يەنە بىر كىشىمۇ يەكەندە ھازىر نوپۇزلۇق كىشىلەر، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەقىب قىلىدىغان كىشىلەرگە ئايلانغانلىقىنى، يۇرتتىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ «بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم بەردى» دېگەن قارىلاش بىلەن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئەمما ھېچكىمنىڭ قورقۇپ ئۈنىنى چىقىرالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت پارتىيىنى، ھۆكۈمەتنى ماختاشقىلا بولىدىغانلىقى، ئەمما نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغانلىكى كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.