تەڭرىتاغ تور بېتىدە يېقىنقى كۈنلەردە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ ئۆزىنىڭ خىتايدىن پەخىرلىنىش، مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى ئىپادە قىلىنغان تەشۋىقات ماقالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنماقتا. بۇ توردا «تۈمەن مىڭ ستۇدېنت شىنجاڭنى سۆزلەش» تېمىسى بىلەن ئېچىلغان مەخسۇس سەھىپىنىڭ 12-دېكابىر سانىدا يېڭىدىن يەنە، ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىبادەت تۇردىنىڭ تەشۋىقات ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ خىتاي پاسپورتىدىن، خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىن پەخرلىنىشىندىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە بولغان چوقۇنۇشىنى ئىزھار قىلغان بولۇپ قويۇق سىياسيلىققا ئىگە بۇ تەشۋىقات ماقالىسى ئۆزىنىڭ يۇرتى «شىنجاڭ» دىكى مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان قارشىلىق ھۇجۇملىرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان ھەتتا 19-قۇرۇلتاينىمۇ تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
ئۇنىڭ ئالدىدا 4-دېكابىر ئوخشاش سەھىپىدە يەنە فىرانسىيە ئوقۇۋاتقان گۈزەلنۇر، 30-نويابىر سانىدا ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان فېردۇن غوپۇر، يېڭىساردىن رۇسىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان دوكتور ئاسپىرانتى مۇھەممەد ئابدۇۋاھاپ ئىسىملىك ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭمۇ ئوخشاش ۋەزنىدىكى تەشۋىقات ماقالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان.
تەڭرىتاغ تورىدا ئېچىلغان مەزكۇر «تۈمەن مىڭ ستۇدېنت شىنجاڭنى سۆزلەش» سەھىپىسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ سەھىپە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا پىلانلىنىپ يولغا قويۇلغان 2017-يىللىق خىتاي تور ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئابونت قۇرۇلۇشىغا تەۋە پائالىيەت بولۇپ، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى يۈزلىگەن تور ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ تەشۋىقاتقا قاتناشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى 78 ئالىي ۋە تېخنىكوملار ھەمدە يۈزلىگەن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلارنى ماقالە ۋە باشقا ئەسەرلەرنى قاتناشتۇرىدىغان بولۇپ. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلانغان بۇ تەشۋىقات قۇرۇلۇشى 3-باسقۇچقا كىرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ باسقۇچنىڭ تەشۋىقات تېمىسى «56 مىللەت ئۇيۇلتاش، ھەممىسىنىڭ بىر جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىسى بار» دېگەننى چۆرىدەپ تەشۋىق قىلىدىكەن. ئاساسەن چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ تەشۋىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە، ساھەلەر بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈش دولقۇنى قوزغىغاندىن سىرت، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستاۋاتقانلىقى ۋە يۇقىرىقىدەك تەشۋىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر مەسىلە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بېسىم ئىشلەتكەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ خىتايغا بولغان ساداقتىنى تەشۋىق قىلدۇرۇشى ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بىر مەسىلە.
يېقىندا رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان شىۋېتسىيەدىكى بىر ستۇدېنت قىز ئۆزىنىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىققانلىقى، يېقىندا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا يۇقىرىقى تەشۋىقاتقا ئاۋاز قوشۇپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. خىتاينىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قاتتىق كۆزىتىپ، كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلان بۇ قىز ئوقۇغۇچى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ئوقۇش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، يازلىق تەتىلدىن قايتىپ كېلىپلا، تەلەپ بويىچە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ، بىر ماقالە يېزىپ ئەۋەتكەن، ئەمما يېقىندا دائىرىلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئۆلچەملىك بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتۇرۇۋەتكەن ۋە ئاز بولغاندا 800 خەتلىك يېزىشى، 19-قۇرۇلتاي مەزمۇنلىرىنىمۇ ئىچىگە كىرگۈزۈشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلغان ئىكەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى تەتىلدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى ۋە شۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتى ھەققىدىكى تېمىلارغا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە قارىماققا ئۇيغۇر ستۇدېنتلار تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ۋە مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ماقالىلەرنى يېزىشقا مەجبۇر ۋە باشقىلارنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىمى ئاستىدا يېزىلىۋاتقانلىقى ياكى يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىسى بېسىمدا بولغاچقا يېزىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. فىرانسىيەدىكى كۆزەتكۈچى جۈرئەت ئەپەندى لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاتالمىش «سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن» دەپ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشمايۋاتقان، ئۇيغۇر تارىخىدىن، سىياسەتتىن خەۋىرى يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزى بىلىپ بىلمەي خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ھەقتە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ئۆزلىرى ۋە ياكى ئائىلىسى خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتى ئاستىدا قالغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر دېيىلسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم ياشلاردىن چەتئەللەردە ئوقۇش ۋە ياشاش جەريانىدا خىتايغا بولغان مايىللىق ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00