تور بەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ماۋمىڭ ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە

0:00 / 0:00


ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرىدە باشلانغان خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش 4 - ئاپرېل كۈنى 6 - كۈنىگە قەدەم قويدى.

خوڭكوڭ ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 10 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما ماۋمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 3 - ئاپرېل بەرگەن باياناتىدا نامايىشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ماۋمىڭ پۇقرالىرىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ماۋمىڭ توقۇنۇشى ھەققىدە دۇنياغا يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

30 - مارت كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرىدە يەرلىك ئامما خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا قارشى 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش قىلغانلىقى ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشنىڭ تەرەققىياتى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، نامايىشتا 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 300 دەك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ماۋمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،بۇ قېتىمقى نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئادەم يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنغان ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن خەلق گېزىتى، يەر شارى ۋاقتى قاتارلىقلاردا يەنە ماۋمىڭ نامايىشىدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىگىنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ماقالىلەر بېسىلدى.

خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە تورداشلار ماۋمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدىكى«ماۋمىڭدا ساقچىلارنىڭ نامايىش قىلغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى» دېگەن باياناتىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ماۋمىڭ توقۇنۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

4 - ئاپرېل جۈمە كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭ شەھىرى ۋە شېنجىڭ شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پۇقرالارمۇ ماۋمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۈمە كۈنى بىر قىسىم پۇقرالار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ماۋمىڭدا قۇرماقچى بولغان خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىگە ۋە نامايىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ماۋمىڭ شەھەر ئاھالىسى جۈمە كۈنىدىكى نامايىش ئەھۋالى ۋە پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

«بۈگۈنمۇ بۇ يەرگە ئادەملەر توپلاندى. ئەمما ئادەملەر تۈنۈگۈنكىدىن ئازايدى ئەتراپتا ساقچىلارمۇ بار.»

بۇ كىشى مۇخبىرنىڭ «تۈنۈگۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن يەنە نېمە ئۈچۈن بۈگۈن يەنە نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،«چۈنكى كۆپچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدىن رازى بولمىدى. ھۆكۈمەت نامايىش ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنىلا تەكىتلىدى. ئەمما خىمىيە زاۋۇتى مەسىلىسى ھېچقانداق كاپالەت بەرمىدى. ھازىر ماۋمىڭ شەھىرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان زاۋۇتلاردىن چىققان بەدبۇي پۇراقلاردىنلا نەپىسىمىز بوغۇلماقتا.ئەگەر يەردە يەنە بىر زاۋۇت قۇرۇلسا، ئۇ چاغدا ياشاش ئىمكانىيىتىمىز قالمايدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ھازىر ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدۇ. نامايىش يۈز بەرگەندە ئۇلار ئەۋەتكەن ساقچىلار نامايىشچىلارنى قوغلاپ ئادەم ئۇردى، ئون نەچچە ساقچىنىڭ ساقچى كالتىكى بىلەن بىر ئادەمنى قورشاپ ئۇرۇش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. كىشىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تېلېفونلىرى ئارقىلىق سىنئالغۇغا ئېلىۋالدى. بۇلار راست ئەھۋاللار ئىدى. ئەمما دائىرىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

خوڭكوڭ ۋە باشقا چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نامايىش جەريانىدا 15 كىشى ئۆلۈپ، 300دەك يارىلانغان. خىتايدىكى بەزى ئاممىۋى تور بەتلەردە توقۇنۇشقا ئائىت ۋىدىئو ۋە كۆرۈنۈشلەر قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى تېزلا تور بەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ماۋمىڭ نامايىشى ھەققىدە بايانات بېرىپ، ۋەقەدە ساقچىلارنىڭ ھەدىدىن زىيادە كۈچ ئىشلەتكەن - ئىشلەتمىگەنلىكىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، يەر شارى ۋاقتى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىقلار پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ماقالە ئېلان قىلىپ، «نامايىشتا ئادەم ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئاممىنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماۋمىڭ ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغىچە توقۇنۇشتىن كېيىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش - چېقىش ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان 44 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇلاردىن 18 كىشى قويۇپ بېرىلمىگەن. نامايىش بۈگۈن 6 - كۈنىگە قەدەم قويدى. ئەمما ماۋمىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغانلىقى ھەققىدە رەسمىي بايانات بەرمىدى.

باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجىن شەھىرىدىمۇ بىر قىسىم پۇقرالار ماۋمىڭ شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن جۈمە كۈنى نامايىش قىلغان، ئەمما ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى تېزلىكتە تارقىتىۋەتكەن.

رادىئومىزغا شېنجىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لار ئەتراپىدا شېنجىن شەھىرىدىكى دىڭ شياقپىڭنىڭ رەسىمى بار مەيداندا نامايىش قىلغان بىرقانچەيلەننى ساقچىلار ئېلىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا شېنجىن شەھىرىدىكى بىرقانچە جايغا توپلانغان ئاممىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئالما گېزىتى ۋە تەيۋەن مىڭباۋ گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماۋمىڭ دائىرىلىرى نۆۋەتتە يەنە، خوڭكوڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ماۋمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بېرىشىنى چەكلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى گېزىت مۇخبىرلىرى پەيشەنبە كۈنى كەچتە ماۋمىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇلار تارتقان رەسىملەر ۋە نامايىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر كومپيوتېرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ئۇلاردىن ماۋمىڭ شەھىرىدىن چىقىپ كېتىش تەلەپ قىلىنغان.