ھانوۋېر دۇنيا ئۇچۇر تېخنولوگىيە يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر تور ئەركىنلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.03.16
uyghurda-internet.jpg تورخانىدىكى ۋېيبو (ۋەىبو) قاتارلىق بلوگلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار. 2011-يىلى 16-يانۋار، قۇمۇل.
AFP

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى گۇرۇھلار ھانوۋېر دۇنيا ئۇچۇر تېخنولوگىيە ۋە دېجىتال سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نامايىش قىلىپ، خەلقئارا ئۇچۇر شىركەتلىرىنى خىتايدا تور ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قويۇۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تور ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىققا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

گېرمانىيەنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يەرمەنكە 15‏-مارت باشلانغان. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 15‏-مارت يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا ۋە 16‏-مارت ئەتىگەندە يەرمەنكە رەسمىي باشلانغاندا خونوۋېر شەھەر مەركىزىدىكى يەرمەنكە ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نارازىلىق نامايىشى يەرمەنكىگە كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇ نامايىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇراسىم شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۈگۈن ئەتىگەن يەرمەنكە رەسمىي باشلاندى. بىز ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن باشلاپ خانوۋېردىكى يەرمەنكە ئالدىدا نامايىش قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان ئادەم يەرمەنكىگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان تور شىركەتلىرىگە ئىشلەيدىغان خادىملار بار ئىدى. نارازىلىق نامايىشىغا ھەيران قالارلىق ھەم قىزىقارلىق ئىنكاسلار بولدى. ھەتتا نۇرغۇن خىتايلارمۇ نامايىشقا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىزگە تور ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇلارغا تور ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى تور ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى چۈشەندۈردۇق، قوغداشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى. ھەر تەرەپتىن مىڭلىغان كىشىلەر نامايىشنى باشلىدۇق، دېدى.

ھانوۋېردىكى يەرمەنكىگە گۇگۇل، فەيسبۇك، تۋېتېر، مىكسوفىت، خىتاينىڭ ئالىي بابا ۋە باشقا نۇرغۇن دۇنياۋى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرگە قاتناشقان. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 15‏-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەرمەنكىگە قاتناشقان چوڭ خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ «ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تور ئەركىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان» ئىدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تور ئەركىنلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، نۇرغۇن مىكروبلوگچىلار ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

باياناتتا ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى ئاگاھلاندۇرۇپ، ‏(خىتاينىڭ) تور چەكلىمىسى بولۇپمۇ تىبەت، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرغا ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇلرىخ دېلئىئۇس، يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرىدىكى پائالىيەت ئارقىلىق دۇنياغا يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنالنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار بۇ نامايىش ئارقىلىق دۇنياغا ئاشۇ ئىككى قىرلىق سىگنالنى بەرگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنال ئىككى قىرلىق. بىر تەرەپتىن، بىز ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش مىكروبلوگچىلار، تور پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تور ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئومۇمىي تور ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. چۈنكى، بىز خىتايدا يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە تور ئەركىنلىكىگە قارىتا قاتتىق ھۇجۇم قوزغالغانلىقىنى كۆردۇق. لېكىن بۇ ئەھۋال نوقۇل خىتايغا خاس ئەھۋال ئەمەس، ئۇ پۈتۈن دۇنياۋى مەسىلە. خىتاي دۇنيانىڭ قوبۇل قىلىشىغا يېڭى تور پرىنسىپلىرىنى سۇندى. بۇ تور پرىنسىپلىرىدا بىزگە تورنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز تەلەپ قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن ھەر بىر دۆلەت ئۆز تېررىتورىيەسىدە تورنى كونترول قىلىش، ئۆزىگە خاس بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا ھەقلىق ئىدى. خىتاي مانا ھازىر بۇنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يېڭى قانۇن، يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى چىقىرىپ، ھەر بىر ۋەتەندىشىنىڭ تورغا كىرىشىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭ مەقسىتى، بۇ بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئۇ تور دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە، دېگەن پرىنسىپىنى قانۇنلاشتۇرماقچى. بۇ، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تور قوللانغۇچىلار ئۈچۈن زور تەھدىت بولۇپلا قالماي، ئۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەھدىت. بىز بۇ تاكتىكىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇ دۇنيانىڭ ئومۇمىي تور ئەركىنلىك پرىنسىپىغا قىلىنغان ھۇجۇم.

ھانوۋېردىكى يەرمەنكىگە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ما كەي، خىتاي ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى ئالى-بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن قاتارلىق خىتاينىڭ نازۇك تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئىشتىراك قىلغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل يەرمەنكىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينى ئادىل رىقابەتكە چاقىرغان ئىدى.

لېكىن، ئالىبابا دىجىتال گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى ما يۈن، يەرمەنكىگە قاتناشقان خىتايلار ئىچىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغىغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، ما يۈن خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۇت سىستېمىسىنىڭ پارچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇھىت قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، ئۇ مەۋجۇت سىستېمىغا تايىنىپ باي بولۇۋاتقان ئادەم. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ بىر شەخس سۈپىتىدە قىزىقارلىق كىشى. ئۇ مۇھىت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. ئۇ ئېكولوگىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئوچۇق سۆزلۈك. بۇ بىر ئىجابىي خاھىش. ئۇ ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىت قوغدىغۇچى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ پائالىيىتىگە ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ كەلدى. بۇنى ئىجابىي، دەپ قارىشىمىزدىكى سەۋەب، خىتايدا ھېچقانداق ئىجتىمائىي پائالىيەتكە ئارىلاشمايدىغان نۇرغۇن شىركەتلەر بار.

ھالبۇكى، ئۇ خىتاي كونترول سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، ئىپادە ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.