دۇنيا تور يىغىنىدا خىتاينىڭ خەلقئارانى ش. ت. كۈچلىرىنىڭ «تور تېررورلۇق ھەرىكىتى» گە قارشى ھەمكارلىققا چاقىرغانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۇنيا تور يىغىنىدا خەلقئارانى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «تور تېررورلۇق ھەرىكىتى» گە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئانالىزچىلار، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تور ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە چاقىرىلغان دۇنيا تور يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغان. 3 كۈنلۈك يىغىننى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىن، تور تېخنىكىسى، تور بىخەتەرلىكى ۋە تور ئەركىنلىكى تېما قىلىنغان تۇنجى زور كۆلەملىك خەلقئارا يىغىن ئىدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىك قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جيەنگو دۇنيا تور يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ تور تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تور تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت تور تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەبىرى ئۈستىدە دەرھال ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشى، تور تېررورلۇق ھەرىكىتى توردا تېررورلۇقنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇنىڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان بارلىق تور پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى ش. ت. ئى. ھ نىڭ تور تەشۋىقاتىغا باغلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تور تېررورلۇقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ۋۇجېندىكى دۇنيا تور يىغىنى خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىنىپ 6 ئاي ئىچىدە، 171 تور بېتىنىڭ تاقالغانلىقىنى، تور تېررورلۇقىغا چېتىشلىق 238 كىشى قولغا ئېلىنغانلىقىنى، توردا پارتلاتقۇچ ياساشنى ئۆگىتىشكە دائىر 44 دېلو، زوراۋانلىققا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان 294 ۋەقەگە قارىتا داۋا ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاي ج خ ئەمەلدارى دۇنيا تور يىغىنىدا تور تېررورلۇق ئۇقۇمىنىڭ تەبىرىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تېررورلۇق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەردە بىر خىل، خىتايدا باشقا بىر خىل مەنە بىلدۈرىدۇ.

ئۇ، خىتاينىڭ غەرىزى تور تېررورلۇق ئۇقۇمىنى تورغا سۆرەپ كىرىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىغا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رامكىسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

لى خوڭكۇەن مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، تور تېررورلۇقىنى ئوتتۇرا شەرقتىكىلەر سۆزلىسە باشقا بىر خىل مەنە ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھازىر توردىن ئىبارەت بۇ قورال ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، تەشكىللىنىش، رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىكرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ھازىر تور بولمىغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقاتتى. چۈنكى، تېررورلۇق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولۇۋېلىپ، بۇ قالپاقنى ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرمەكچى. ئۇيغۇرلار ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلار تېررورچى، دېگەن مەنتەقە بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىغا بۇ كاتېگورىيەدە مۇئامىلە قىلىشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ.

ۋۇجېندىكى دۇنيا تور يىغىنى خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن. يىغىنغا گۇگۇل، تۋىتتېر، فېيسبۇك، لىنكتئىن، يۇتيۇب، ئەپېل، مىكروسوفت قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تارتقۇلار ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان.

خىتاي ئاخباراتى يىغىنغا دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، شىركەتلەر ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تۋىتتېر، فېيسبۇك، يۇتيۇب، گۇگۇل قاتارلىق تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تور ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئوخشىمىغان پىكىر ۋ تەنقىدلەرنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلغان بۇ يىغىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ كونترول ۋە باستۇرۇش ئاساسىدىكى تور باشقۇرۇش شەكلىنى دۇنياغا ئۈلگە قىلىپ سۇنماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانى ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، «ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچكى تور باشقۇرۇش مودېلىنى دۇنياۋى تور مودېلى قىلىپ سۇنماقچى بولغاندەك قىلىدۇ. بىراق بۇ، تور ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ جىددىي ھوشيارلىقىنى قوزغىشى كېرەك» دېگەن.

لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي تورنى قويۇۋەتسە، كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كونتروللۇقنى ئاساس قىلغان تور باشقۇرۇش شەكلىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ.

لى خوڭكۈەن: جۇڭگو بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى بازارغا سالماقچى. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئۇقۇمى، تور دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە، دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئىجات قىلىشىدۇر. دېمەك، تور دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىكەن ئۇنى بىز باشقۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇنىڭغا خالىغانچە كىرىپ-چىقىشقا بولمايدۇ، دېگەن گەپ چىقىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئۇقۇمى تور ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي مەنتىقىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. تور ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ دۆلەت چېگراسىنى بىكار قىلغانلىقىدا. توردا ھېچقانداق ئەنئەنىۋى دۆلەت چېگراسى ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى بۇرمىلىغان.

لى خوڭكۈەن، خىتاي بىلەن غەربنىڭ تور ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى چۈشەنچە ۋە قارىشىدا تۈپ پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: غەربتىكى مەيلى خەلق مەيلى ھۆكۈمەت بولسۇن ئۇلار، تور ئەركىنلىكىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى، داۋاملىق كېڭەيتىلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئورتاق نۇقتا. جۇڭگودىكى پۇقرالارمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويۇلسا، ھۆكۈمرانلىققا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار تور ئىگىلىك ھوقۇقى دېگەن بۇ بىمەنە ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتىدۇ.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ زور ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى غەرب سەرمايە گۇرۇھىغا ئېتىراپ قىلدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.